«ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشى» رەسمىي قۇرۇلدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان، ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 11-نويابىر كۈنى مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

مەزكۇر ئاكادېمىيەنىڭ تارمىقىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە دوكتور رىشات ئابباس بورھان، ئىجرائىيە رەئىسلىكىگە ئابدۇلھەمىت قاراخان تەيىنلەنگەن. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى، بىر يىلدىن كۆپرەك تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئىچىدىكى 29 كىشىدىن تەركىب تاپقان، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئومۇرتقىسى ھېسابلانغان ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشىنى قۇرۇپ چىققانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىكلەر كېڭىشى ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشى رەئىس، دانىشمەنلەر ھەيئىتى، ئىجرائىيە رەئىسى ۋە كېڭەش ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، دوكتور رىشات ئابباس بورھان رەئىسلىككە، دوكتور ئەركىن سىدىق، دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىلەر دانىشمەنلىككە تەيىنلەندى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قارمىقىدىكى ئاكادېمىكلار كېڭىشىگە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، تۈركىيە، ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن بولۇپ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئالغاندىن كېيىن ئىلىم ساھەسىدە مەلۇم نەتىجە ياراتقان 29 كىشى ئەزالىققا تەيىنلەنگەن. ئاكادېمىكلار كېڭىشىگە بۇندىن كېيىنمۇ شەرتى توشقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئەزا بولالايدىكەن. ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۈچىنى توغرا نىشان ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتا ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشى رولىنىڭ زور بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندىمۇ ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.