ستۇدېنت قىز: ئېلىشقۇدا بالىلىرىنى ئوقۇتالمايۋاتقان نۇرغۇن ئائىلىلەر بار

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.08.31
saqchi-uyghur-qiz-tekshurush-305 ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ بىرىدە، خىتاي ساقچى بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ سوراق قىلماقتا. (ئورنى ۋە ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
AFP Photo

يەكەننىڭ ئىلىشقۇ يېزىسىنىڭ نامى 2014‏-يىلى 28‏-ئىيۇلدىكى مەشھۇر «ئىلىشقۇ ۋەقەسى» بىلەن دۇنياغا تونۇلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەدە 97 ئادەم ئۆلگەن، ئۆلگەنلەرنىڭ 59 نەپىرى «زوراۋان تېررورچىلار» دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ، خەلقئارا تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئىلىشقۇغا كىرىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول قىلىشى نەتىجىسىدە «ئىلىشقۇ ۋەقەسى» نىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىغا قارىتا سوئال ۋە گۇمانلار داۋاملىق كۈچىيىپ باردى. د ئۇ ق خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ۋەقەدە ئاز دېگەندە 2000 ئۇيغۇرنى قىرىپ تاشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن ئىلىشقۇنى زىيارەت قىلغان. ئۇ، ئىلىشقۇ بازىرىدا دېھقانلار، دىنىي زاتلار ۋە يەرلىك كادىرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

بىز ئىلىشقۇنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، خەلقنىڭ ئوي ‏پىكرى ۋە قىيىنچىلىقىنى ھەر تەرەپلىمىلىك يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن مەخسۇس سۆھبەت پروگراممىسى تەييارلىدۇق. ئۆتكەن قېتىملىق 2 پروگراممىدا، يەرلىك ئامانلىق خادىملىرىنى ۋە دېھقانلارنى زىيارەت قىلغان ئىدۇق. بۈگۈن ئىلىشقۇلۇق بىر ستۇدېنت قىز بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

تۇرانقىز ئۇيغۇر ئىلىدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئاخىرقى يىلقى ستۇدېنتى. ئۇ، ئىلىشقۇ ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئىنچىكىلەپ توختىلىشنى خالىمىدى. بىراق ئۇ، ئېلىشقۇدا نامراتلىق سەۋەبىدىن پەرزەنتلىرىنى يۇقىرىلاپ ئوقۇتالمايدىغان نۇرغۇن ئائىلە بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئۇلارغا ياردەم قىلىشقا تېگىشلىك، دەپ قارايمەن، دېدى.

تۇرانقىز: نۇرغۇن ئائىلە بار دېھقان كىرىمى بولمىغاچقا بالىلىرىنى ئوقۇتالمايدىغان. بولمىسا نۇرغۇن بالىلار بار ئوقۇغۇسى بار. گەرچە ئوقۇش پۇلى، مائارىپ ھەقسىز بولغان بىلەن ياتاققا كىرگەندىن كېيىن تۇرمۇشتىن قىينىلىدۇ. نامرات ئوقۇغۇچىلار كىرىپ قالسا ئوقۇيالمايمىز، دەپ ئەنسىرەيدىكەن.

دېھقانلاردا، بىز ئوقۇتقان بىلەن نى-نى ئادەملەر خىزمەتكە ئورۇنلىشالمايۋاتسا، بىزنىڭ بالىلىرىمىز قانداق ئورۇنلىشىدۇ، دەپ. ئاخىرى يەنىلا ئارقا ئىشىك قىلىدۇ، دېگەن خىيال بار. مەن نۇرغۇن بالىلار بىلەن پاراڭلىشىپ باقسام ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇسى باركەن. مەن ئويلايمەن ئەمدى، ئۇلارغا ياخشى تەربىيە ئىشلەپ، بالىلارنى ئوقۇتۇڭلار، دېسە. مائارىپ جەھەتتىن ياردەم قىلسا، دەيمەن.

مۇخبىر: ئىلىشقۇ ۋەقەسى بولغاندا سىز مەكتەپتىمىتىڭىز ياكى ئۆيىڭىزدىمىتىڭىز؟
تۇرانقىز: بىز ئۇ ۋاقىتتا يېزىدىكى ئۆيدە ئەمەستۇق. ئۆيدىكىلەر ئاغرىپ قېلىپ شەھەردىكى ئۆيگە كىرىپ كېتىپ دوختۇرخانىغا بارغانتۇق.

مۇخبىر: شەھەر دېگىنىڭىز قايسى شەھەر؟ قەشقەرنى دەمسىز ياركەنتتە؟
تۇرانقىز: ياركەنتتە، يەركەنتتە دوختۇرخانىدا ئىدۇق. بىز ئۇ ۋاقىتتا ئېلىشقۇدا ئەمەستۇق. كېيىن ئاندىن ھېيت بولدى، ھېيتتىن كېيىن بىرەر ھەپتە ئۆتۈپ بىز ئېلىشقۇغا چىقتۇق دەيمەن. بىز ئۇ چاغدا ئېلىشقۇدا ئەمەستۇق.

مۇخبىر: ئۇ سىز نەدىن ئاڭلىدىڭىز ئېلىشقۇدا ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى؟
تۇرانقىز: مەن ئۇ كۈنىسى ئاڭلىمىغان ئۇ ۋەقەنى. كېيىن 2-3 كۈن ئۆتۈپ ئاندىن باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىدىم.

مۇخبىر: ئائىلىڭىز دېھقانمۇ ياكى باشقا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنامدۇ؟ سىز نېمە ئىش قىلىسىز؟
تۇرانقىز: بىزنىڭ ئائىلە مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئاتا-ئانام ئوقۇتقۇچى. مەن ئۆزۈم ئائىلە مەكتەپتە ئوقۇيمەن.

مۇخبىر: دەرسىڭلارنى قايسى تىلدا ئۆتىدۇ؟ خەنزۇچە ئۆتىلەمدۇ ياكى ئۇيغۇرچە ئۆتەمدۇ؟
تۇرانقىز: پۈتۈنلەي خەنزۇچە ئۆتىلىدۇ. ئۇيغۇرچە ئۆتىلىدىغان دەرسىمىز ئاساسى جەھەتتىن يوق. بىر شۇ بەزى پروفېسسورلار كېلىپ دوكلات سۆزلەپ قالسا، ئۇيغۇرچە سۆزلەيدۇ. لېكىن ئاساسى جەھەتتىن پۈتۈن دەرسىمىز خەنزۇچە ئۆتىلىدۇ. كىتاپ-ماتېرىياللىرىمىزنىڭ ھەممىسى خەنزۇچە.

مۇخبىر: ئوقۇتقۇچىلىرىڭلارچۇ؟ ئۇلار خەنزۇمۇ ياكى ئۇيغۇر؟
تۇرانقىز: ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇر، بەزىلىرى خەنزۇ. لېكىن ئۇيغۇرلارمۇ خەنزۇچە دەرس ئۆتىدۇ. ئۇلار خەنزۇچە راۋان ئۆتەلەيدۇ. ئۇلار ئىشقىلىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۆزلۈكىدىن خەنزۇچىنى ئۆگىنىپ دەرس ئۆتۈۋاتىدۇ بىزگە.

مۇخبىر: سىزنىڭ خەنزۇچىڭىز قانداق؟ سىز دەرس ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن خاتىرە قالدۇرالامسىز؟
تۇرانقىز: ھەئە، ئاڭلاپ چۈشىنەلەيمەن ھەم خاتىرە قالدۇرالايمەن. ئاساسى جەھەتتىن يامان ئەمەس چۈشىنىمەن. مېنىڭ ئوقۇۋاتقىنىمغا ھازىر 4 يىل بولدى. ئوقۇشۇم 5 يىللىقتى، يەنە بىر يىل ئوقۇۋەتسەم ئوقۇشۇم پۈتىدۇ.

مۇخبىر: ئۆتكەن يىلى ئېلىشقۇدا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن ھازىر ۋەزىيىتىڭلار قانداق بولۇپ قالدى؟
تۇرانقىز: ھازىر ياخشى تۇرمۇشىمىز. ئۇ ئىشلار ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ ئىشلارغا بىر يىل ئۆتۈپ كەتكەچكە ھازىر گەپ سۆزلەرمۇ بېسىقىپ قالدى. تۇرمۇشىمىز ياخشى.

مۇخبىر: لېكىن بازارغا چىقساڭلار ساقچىلار يەنىلا بار دەڭە، قاراۋۇللۇق قىلىۋاتقان؟
تۇرانقىز: ياق ئەمدى، شەھەرلەرگە كىرىپ قالساق مۇنداق كىملىك تەكشۈرىدىغان ئىشلار بار، ئۇ ھەممە يەردە بارغۇ بىخەتەرلىك ئۈچۈن، ئاشۇنداق تەكشۈرىدۇ. لېكىن بازارلىرىدا ساقچىلار ئۇنچىلىك ماڭغاندەك قىلمايدۇ. ئەمما ئۇنداق تەكشۈرۈشلەر بار. يېشىل كارتىنى بىلمىدىم، لېكىن مەن ئېلىشقۇغا كىرىپ چىققاندا كىملىك كارتامنى كۆرسىتىپ كىرىپ چىقىمەن. كىملىكنى باسىدىغان يەر بار، شۇ يەرگە بېسىپلا ئۆتۈپ كېتىمەن. ماشىنا بار يەرلەردە كىملىكنى ماشىنىغا باسىدۇ، يوق يەرلەردە كىملىكنى كۆرۈپ، تەكشۈرىدۇ.

مۇخبىر: ئاڭلىساق ياشلار تۈرمىگە كىرىپ كېتىپ ئائىلىدىكى قېرى-چۆرىلەر قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئىشلار باركەن. يەرلىك پۇقرالار ھۆكۈمەت مۇشۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلسا بولاتتى، دەيدىكەن؟
تۇرانقىز: مەن بەك خەۋەر كۆرمەيمەن، ئېلىشقۇدا ئىش چىقتى، دېگەن بىلەن ئۇ ئىش چىققان يەر باشقا يەردە بولغاچقا بىز پەقەت مۇنداقلا ئاشلىدۇق، كونكرېت ئەھۋاللىرىنى ئېنىق ئۇقمايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ئىچىدە ئۇ ۋەقەگە چېتىلىپ قالغانلارمۇ يوق.

مۇخبىر: پەرزەنتلىرى بۇ ۋەقەگە چېتىلىپ تۈرمىگە كىرىپ كەتكەن ئائىلىلەر قانداق قىلىۋاتىدۇ ھازىر؟
تۇرانقىز: ئاڭلىسام ھېلىقى تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار كېلىپ ھال سوراپ، بەك قىيىنچىلىق بارلارغا ئۇن، گۈرۈچ ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەپ قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ. ئۇ كىرىپ كەتكەنلەرنى بىرەر ئاي تەربىيىلەيدىكەنغۇ ئاڭلىسام. ئاساسى قاتلام كادىرلىرى ئۇلارغا ياردەم قىلىپ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلالمىغان بولسا شۇلار قىلىپ بېرىۋېتىپتۇ، دەپ ئاڭلىدىم، مەن. مەن ئاڭلىغانلىرىمنى دېدىم، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەندىن كېيىن. مەن بۇلارنى پەقەت خەۋەرلەردە كۆرگەن. ئاشۇنداق يېتىم-يېسىر، قېرى-چۈرى، كىچىك بالىلار قالغان بولسا، ھۆكۈمەت ياردەم قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزى ئوقۇتۇپ قىلىدىكەن، دەپ ئاڭلىدىم.

مۇخبىر: ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپ يېتىم قالغان بالىلارنىچۇ؟ ئاڭلىساق ئۇلارنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىدىكەن، دەپ ئاڭلىدۇق؟
تۇرانقىز: مەنمۇ شۇنداق ئاڭلىغان، ئاتا-ئانىسىز قالغان بالىلارنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىدىكەن، دەپ. لېكىن ئۇنىڭ تەپسىلاتىنى بەك ئېنىق ئۇقمايدىكەنمەن. راست ئېلىپ كەتتىمۇ ياكى قانداق بولدى، بۇ ئىشلارنى مەن بەك سۈرۈشتۈرۈپ كەتمىگەچكە.

مۇخبىر: ئۇ مەكتىپىڭىزگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن بۇ ۋەقە توغرۇلۇق سىياسىي يىغىنلارنى ئاچتىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا؟
تۇرانقىز: ھەئە، مەكتەپلەر بارغاندىن كېيىن مەسىلەن، مۇشۇ ئېلىشقۇلۇق بالىلارنى يىغىپ، قورقماڭلار، قانداق گەپ بولسا بىزگە دەڭلار، دېدى. ئاندىن كېيىن بۇ دېگەن تېررورلۇق، دەپ سىياسىي يىغىن ئېچىپ، ھەممىمىزنىڭ پىكرىنى ئېلىپ بۇ ۋەقەنىڭ سىياسىي خاراكتېرىنى چۈشەندۈرۈپ شۇنداق قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.