ئۇيغۇر تەتقىقاتچى دوكتور بۇرھان سېتى تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
2018.12.26

تۈركىيە بىلىملەر ئاكادېمىيەسى بىلەن تۈركىيە بىلىم ۋە تېخنىكا تەتقىقات ئىدارىسى ھەر يىلى بىر قېتىم تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازانغان بىلىم ئىگىلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاش ھەمدە مۇكاپاتلاش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. 2018-يىللىق باھالاشتا تۈركىيە بويىچە 37 ياش تەتقىقاتچى «يۇقىرى دەرىجىدە نەتىجە قازانغان ياش بىلىم ئىگىلىرى» بولۇپ باھالىنىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان ئىسلام ئىقتىسادى بويىچە ياش مۇتەخەسسىس، دوكتور بۇرھان سېتى ئەپەندىمۇ بار ئىدى. ئۇ تۈركىيە بىلىملەر ئاكادېمىيەسى بىلەن تۈركىيە بىلىم ۋە تېخنىكا تەتقىقات ئىدارىسى تەرىپىدىن 2018-يىللىق ياش تەتقىقاتچى بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 26-دېكابىر كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇكاپاتنى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسى بىنالى يىلدىرىم، تۈركىيە سانائەت ۋە پەن-تېخنىكا مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك ۋە تۈركىيە بىلىم ۋە تېخنىكا تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىقلار بىرلىكتە تارقاتتى.
دوكتور بۇرھان سېتى ئەپەندى ئۆزىگە بېرىلگەن مۇكاپاتنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قولىدىن تاپشۇرۇپ ئالدى.
جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان مۇكاپات ئالغان بىلىم ئىگىلىرىنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن مۇكاپاتقا تاللانغان پۈتكۈل بىلىم ئىگىلىرىنى تىرىشچانلىقلىرى ئۈچۈن تەبرىكلەيمەن. ئۇلارغا ئۆز نامىم، دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىز نامىدىن چوڭقۇر تەشەككۈر ئېيتىمەن. ئۇلار بىلىم ھاياتلىرىنىڭ باشلانغۇچ نۇقتىسىدا تۇرۇپ ھەم ئۇنىۋېرسىتېتلارغا، ھەم ئائىلىلىرىگە ئىپتىخارلىق بىلەن كۈچ كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن.»
بىز بۇ ھەقتە دوكتور بۇرھان سېتى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.
دوكتور بۇرھان سېتى ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قۇمۇل دىيارىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپنى خىتاينىڭ دالىيەن شەھىرىدە ئوقۇغان. مالايسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىسلام ئىقتىسادشۇناسلىقى كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن كوئالا-لامپۇر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن مالايسىيا خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا 6 يىل ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغان. بۇ جەرياندا دوتسېنت ۋە ئالىي لېكتورلۇق كەسپىي ئۇنۋانى بىلەن خىزمەت قىلغان. ئۇ 2018-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ ئىستانبۇل ساباھىددىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىسلام ئىقتىسادى فاكۇلتېتىدا دوتسېنت بولۇپ خىزمەت قىلماقتا ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، دوكتور بۇرھان سېتى ئەپەندى بۇ قېتىم ئىسلام ئىقتىسادشۇناسلىقى ۋە پۇل-مۇئامىلە جەھەتتە ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىكەن.
بۇرھان ئەپەندى مۇكاپاتنى ئېلىش جەرياندىكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مۇكاپات مۇراسىمىدىن ئىلگىرى ئانچە خۇشال بولمىغان ئىدىم، بىراق مۇكاپاتنى ئالغاندىن كېيىن خەلقىمنىڭ مېنى تەبرىكلىشى، دەستەكلىشى ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلىشىدىن، خەلقىمىزگە بىر ئۈمىد ۋە ئېزىلگەن قەلبلەرگە بىر چىراغ بولالىغانلىقىمدىن شۇنداق خۇشال بولدۇم. بۇ مۇكاپات خەلقىمگە مەنسۇپ، مەن بۇنى ئاشۇ جازا لاگېرلىرىدا يېتىۋاتقان مەزلۇم خەلقىمىزنىڭ قەلبىگە كىچىك بولسىمۇ مەلھەم بولغاندەك بىر ھېسسىياتتا چۈشەندىم. . .»
بۇرھان سېتى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش يولىدا بىر مىللىي فوند قۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئىمكانىيەت يار بەرسە مىللىي فوندىنى يېقىن كەلگۈسىدە قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇرھان ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: «خەلقىمىز ئېغىر كۈنلەرگە قالدى، زۇلۇم ئاستىدا قاراڭغۇ بىر پاتقاققا چۆكۈپ كېتىۋاتىدۇ. بىراق بۇ زۇلۇم ئاستىدىن پارلىغان ياش بىر ئەۋلادنىڭ مەيدانغا چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۇلارنىڭ قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن بىر ئۈمىد بېغىشلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.»