پارىژ شەھىرىدىن ئانا ۋەتەنگە سالام

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
2013.05.20
uyghur-ayalliri-terbiyilesh-parij.jpg 6-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتناشقان خانىملار ۋە ئۇلارغا دەرس بەرگەن چەتئەللىك كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى. 2013-يىلى ماي، پارىژ.
RFA/Ghulshen

ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىدە چاقىرىلغان ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتناشقان ئۇيغۇر خانىملىرى ئىچىدە، ئوتتۇرا ئاسىيادىن كېلىپ يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن خانىم قىزلارغا سېلىشتۇرغاندا سان جەھەتتىن نىسبەتەن كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

يىغىن جەريانىدا ئىگىلىشىمىزچە، ئالماتا ۋە بېشكەك شەھەرلىرىدىن كېلىپ يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ سانى 15 نەپەر بولۇپ، بۇ سان ئوتتۇرا ئاسىيادا تۇغۇلۇپ ھازىر بېلگىيە، فرانسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خانىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بىز يىغىن جەريانىدا قازاقىستان، قىرغىزىستانلاردىن كەلگەن خانىملار بىلەن مەخسۇس سۆھبەت پروگراممىسى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتىنى ئۇيغۇر دىيارىغا بولغان ئىچكى ھېسسىياتلىرى ۋە ئوتلۇق سالاملىرىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدۇق.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.