مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2017.12.25
abdulhekimxan-mexsum-hidayetulla-oghuzxan.JPG مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 22-دېكابىر، تۈركىيە.
RFA/Arslan

مەردۇم دىنىي ئالىم ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى قاتارلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئاساسلىق رول ئوينىغان شەخس ئىدى. مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 22-دىكابېر كۈنى ئىستانبۇلدا «ئۇستازغا ۋاپا كېچىسى» دېگەن نامدا خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىم شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. مۇراسىمغا مەرھۇمنىڭ يېقىن دوست-يارەنلىرى، يۇرت چوڭلىرى، ۋە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى، مەرھۇمنىڭ سەپداشلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى شۇنداقلا مۇھاجىرلار بولۇپ كۆپ ساندىكى جامائەت قاتناشتى.

مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەت ئابدۇراخمان رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىم «قۇرئان» تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. مۇراسىمدا مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم توغرىسىدا تەييارلانغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، مەرھۇمنىڭ ھاياتىدىكى ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا توختالدى. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە مەرھۇمنىڭ بىر ئۈمىدۋار كىشى ئىكەنلىكىنى، ھېچ قاچان ئۈمىدسىزلىنىپ باقمىغانلىقىنى، ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ھەر دائىم ئۈمىدلىك بولۇشقا ئۈندەيدىغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

مۇراسىمدا ئوقۇغۇچىلار مەرھۇمغا ئاتاپ يېزىلغان بىر قانچە پارچە مەرسىيەلەرنى ئوقۇپ ئۆتتى. كېيىن ھەر قايسىي جەمئىيەتلەرنىڭ رەئىسلىرى سۆز قىلىپ، مەرھۇمنىڭ ھاياتى ۋە ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدا توختالدى ۋە مەرھۇمنى ئەسلەپ ئۆتتى.

مۇراسىمدا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شەھيارى، ئىھيا فوندىنىڭ رەئىسى يۈسۈف ئۇجالان، ياۋرو-ئاسيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل چىنگىز، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپىنىڭ باشلىقى ئۆمەر قۇل، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەيسا ساۋۇت، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت تۇرسۇن، فىنلاندىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزىنىڭ رەئىسى مەمەتئېلى قارىم، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كەلگەن ژۇرنالىست ۋە تەتقىقاتچى سىراجىدىن ئەزىزى، دىنى ئۇستاز ھەبىبۇللاھ كۈسەنى، سۇتۇق بۇغراخان ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن رامىزان چاملىچا، تۈركىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى، پروفېسسور جالال ئەرباي قاتارلىقلار سۆز قىلدى. ئۇلار، مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ ھاياتى ۋە ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆررىيىتى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

پروفېسسور جالال ئەرباي، مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم توغرىسىدا توختىلىپ، مەرھۇمنىڭ تىككەن كۈچەتلىرىنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۆسۈپ يېتىلىپ، مېۋە بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇراسىمدا سۆز قىلغۇچىلار بىردەك، بىرلىك-باراۋەرلىك ۋە ئىتتىپاقلىشىشنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ھەممىدىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئاخىرىدا مەخمۇتجان داموللامنىڭ قول كۆتۈرۈشى بىلەن مەرھۇمنىڭ روھىغا دۇئا ئوقۇلدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن دۇئا تەلەپ قىلىندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.