ئالماتادا ئۇيغۇرلار خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016.04.06
Almata-barin-jumhuriyet-xatire.jpg شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ 61 يىللىقىنى، بارىن ۋەقەسىنىڭ 26 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى سۆز قىلماقتا. 2016-يىلى 6-ئاپرېل، ئالماتا.
RFA/Oyghan

6-ئاپرېلدا ئالماتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدىكى «ئارزۇم» كافېخانىسىغا جەم بولغان ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ 71 يىللىقىنى، بارىن ۋەقەسىنىڭ 26 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. ئالماتا شەھىرى ۋە ناھىيەلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشقان بۇ مۇراسىمدا ئالدى بىلەن ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك يولىدا قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلدى. ئاندىن سۆزگە چىققان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن بىرى ئەركىن ئەخمەتوف شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ تارىخى ھەققىدە دوكلات ئوقۇدى. مۇراسىمدا يېقىندا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بويىچە ئۆتكەن پارلامېنت مەجلىسى ۋە يەرلىك مەسلىھەتلەرگە ئۆتكەن سايلاملار ھەم ئۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ يەتكەن ئۇتۇقلىرى، بارىن ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىدە تۇتقان ئورنى، خىتاي ۋە خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى، ئۇلاردىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كرىزىس، رابىيە قادىر باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ھەققىدە سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەتراپلىق مەلۇمات بەردى.

مۇراسىمنىڭ ئۈچىنچى قىسمىدا مۇشۇ يىلى فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئۆتىدىغان دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ تەييارلىق مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئالماتا شەھىرى ۋە ناھىيەلەردىن ۋەكىللەرنى سايلىدى ۋە ئۇلارنىڭ تىزىمىنى تەستىقلىدى. بۇ قېتىملىق قۇرۇلتاينىڭ تەلەپلىرى، ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرى ئالدىدا تۇرغان جاۋابكارلىق ھەققىدە ق. غوجامبەردى ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالماتا شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى ئارۇپجان مۇسايېف مەزكۇر مۇراسىمدا بولۇپمۇ سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ بارىن ۋەقەسى، ئۇنىڭ كېلىپ-چىقىش سەۋەبلىرى ھەم ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتىنىڭ كۆپچىلىككە قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەن بارىن مەسىلىسى بىلەن كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنى تونۇدى. بۈگۈنكى مەجلىسنىڭ يەنە بىر ئەھمىيىتى ھازىرقى خىتاينىڭ ئەھۋالى توغرىلىق ق. غوجامبەردى مەلۇمات بەردى. شۇنداقلا مۇشۇ يىلى پارىژدا دۇنياۋى ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئېچىلماقچى. ئۇنىڭغا ۋەكىللەرنى سايلاش توغرىلىق ناھايىتى ياخشى گەپلەر بولدى. بۈگۈنكى مەجلىسىمىز ناھايىتى كۆڭۈللۈك، ياخشى ئۆتتى.»

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى بىرلىكى رەئىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئورۇنباسارى ئاسىيەم تۇردىيېۋا، شۇنداقلا ئارۇپ مۇسايېف، كامىل تۇردىيېف، شاماخۇن جۇماخۇنوف ۋە باشقىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخى ۋە بۈگۈنكى ئەھۋالى توغرىلىق ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ ئەھمىيىتى، بولۇپمۇ ھەر تۆت يىلدا چاقىرىلىدىغان قۇرۇلتايلارنىڭ ئەھۋالى، تەلەپلىرى ھەققىدە ئۆز پىكىر-تەكلىپلىرىنى بەردى. شۇنداقلا بۇ پائالىيەتتە سۆز ئالغان «ئىنايەت» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تۇرغانجان روزاخۇنوف قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى بەزى جىددىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش بويىچە ئۆز پىكىرلىرىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ ياشلارغا ساپالىق ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك بىلىم بېرىشنىڭ يوللىرىنى تەكلىپ قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى بىرلىكىنىڭ قازاقىستاندىكى ئەزالىرىنىڭ بىرى گۈلۋەرەم توختاخۇن قىزى مەزكۇر پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيىسى تارىخى، بارىن ۋەقەسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ھەققىدە باي مەلۇماتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ئۇيغۇر خەلقىمىزگە تەسىر قىلغۇدەك ياخشى سۆزلەر ئېيتىلدى. ئويغىنىش ئۈچۈن ئېيتىلغان بۇ سۆزلەر ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ھېسابلىغان ھەر بىر ئىنساننىڭ يۈرىكىگە يەتسە، دەپ ئۈمىد قىلىمەن، ئەلۋەتتە. ئويغانغان يەردە ۋەتەن ساقلىنىدۇ. ۋەتەن بار يەردە مىللەت ساقلىنىدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.