ئالمۇتادا ئۇيغۇرلار ھاياتىغا ئائىت «ئاسىيا يۈرىكىگە» ناملىق كىتاب تونۇشتۇرۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018.11.05
asiya-yurikige-kitab.jpg ئالمۇتادا تونۇلغان يازغۇچى ئىسمايىلجان ئىمىنوف يازغان «ئاسىيا يۈرىكىگە» ناملىق كىتابىنىڭ مۇقاۋىسى. 2018-يىلى 4-نويابىر، ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

4‏-نويابىر كۈنى ئالمۇتادا قاستېيېف نامىدىكى مەملىكەتلىك سەنئەت مۇزېيىنىڭ مەجلىس زالىدا تونۇلغان يازغۇچى ئىسمايىلجان ئىمىنوفنىڭ «ئاسىيا يۈرىكىگە» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. مۇراسىم رۇسىيەنىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى ھەمكارلىق ۋاكالەتخانىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئۇنىڭغا قازاق، رۇس، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان زىيالىيلار، جەمئىيەتلەر ۋە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى، ياشلار، يۇرت-جامائەتچىلىكى قاتناشتى.

مۇراسىمنى رۇسىيەنىڭ قازاقىستاندىكى باش كونسۇلخانىسىنىڭ كونسۇلى، رۇسىيەنىڭ قازاقىستاندىكى ھەمكارلىق ۋاكالەتخانىسى باشلىقىنىڭ ئورۇنباسارى ئىرىنا پېرېۋېرزېۋا خانىم ئاچتى. ئۇ يازغۇچى ئىسمايىلجان ئىمىنوف ئىجادىيىتىنىڭ رۇسىيە ئوقۇرمەنلىرىگىمۇ ياخشى تونۇش ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنىڭ ئۆز ئەسلىمىلىرى ۋە ساياھەت خاتىرىلىرى ئاساسىدا يېزىلغانلىقتىن، ئۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت قىزىقارلىق پاكىتلارنى ئۇچرىتىشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئىرىنا پېرېۋېرزېۋا يازغۇچىنىڭ «ئاسىيا يۈرىكىگە» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىغا كەلگەن مېھمانلارنى ۋە ئۇنىڭ ئاپتورىنى تەبرىكلىدى.

مۇراسىمدا سۆز قىلغان يازغۇچى ئىسمايىلجان ئىمىنوف ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يازغۇچى بولۇشىغا تۇغۇلغان يۇرتىنىڭ ھەم شۇ يەردە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ياشاپ كېلىۋاتقان قازاق، رۇس، نېمىس، تۈرك، تاتار، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا دوستلۇقىنىڭ، ئىناقلىقىنىڭ چوڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە كۆپلىگەن ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىگە، رۇسىيەنىڭ تۇۋا جۇمھۇرىيىتىدىكى «پور باجىن» قەدىمىي ئۇيغۇر قەلئەسىگە قىلغان ساياھەتلىرى ئاساسىدا يېزىلغانلىقىنى، بۇ باي ماتېرىياللارنىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىنىپ تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسمايىلجان ئىمىنوف ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاسىيانىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىنى ئارىلاپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مەن دائىم مېنىڭ ئالدىمدا ئۇ يەرلەردە كىم بولغان دەپ قىزىقاتتىم. ئەڭ ئالدى بىلەن ماركوپولۇ، پرژېۋالسكىي، بۇتاكوفنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجايىپ بىر ساياھەتچىسى ئابدۇل باسىت يۈسۈپوفنى تاپتىم. مەن بۇ كىتابىمدا بۇلارنىڭ قەشقەرگە، لوپنۇرغا، تۇۋاغا، ئارالغا بارغانلىقىنى يازدىم. ئۇلار ئۇيغۇر مىللىتى، ئۇيغۇرنىڭ تارىخى توغرىلىق يازغان. بۇ قېتىمدا مەن پرژېۋالسكىيغا ناھايىتى قىزىقتىم. پرژېۋالسكىي ئۇيغۇرلار توغرىلىق كۆپ يازغان. بۇنى بىز ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك. ئۇنىڭ يېقىن ئاغىنىسى ئۇيغۇر بولغان. پرژېۋالسكىي ياقۇپبەك توغرىلىق ناھايىتى ھۆرمەت بىلەن يازغان».

ئىسمايىلجان ئىمىنوف پرژېۋالسكىينىڭ كىتابلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپلىگەن ۋە قىزىقارلىق مەلۇماتلارنى تېپىشقا بولىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ۋە باشقىمۇ ئاتاقلىق ساياھەتچىلەرنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيىتىنى چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئۇيغۇر سۈپىتىدە ئاساسىي ۋەزىپەم ئۇيغۇرنىڭ قەدىمىي تارىخى، مەدەنىيىتى، پاجىئەلىك تەقدىرىنى باشقا مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇش. ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدا يالغان نەرسە يوق. بۇ كىتابلارنى دىققەت بىلەن ئوقۇش كېرەك. مۇمكىن بولسا، ئۇلارنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۈرۈمچىدە، قەشقەردە چىقىرىش كېرەك. مەسىلەن، رۇس ساياھەتچىلىرى بىزنىڭ تارىخىي ۋەتەن بىلەن تىبەتنى ئاسىيانىڭ يۈرىكى دەيتتى.»

ئىسمايىلجان ئىمىنوف مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرىغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى مۆجىزىلىرى بىلەن يېقىندىن تونۇشۇش ئۈچۈن «چۇقان ۋەلىخانوفنىڭ كارۋان يولى بىلەن» دەپ ئاتالغان ئىلمىي تەكشۈرۈش ئاساسىدا ئىشلەنگەن فىلىمنى كۆرۈپ چىقىش تەكلىپىنى بەردى. مەزكۇر فىلىمدا بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، تۇرپان شەھەرلىرى، تەكلىماكان چۆلى، تارىم دەرياسى، لوپنۇر كۆلى، شۇنداقلا بۇ ئەلدىكى تارىخىي ئورۇنلار، مەدەنىي يادىكارلىقلار ۋە باشقىلار توغرىلىق كۆرۈنۈشلەر ئورۇن ئالغان. مەزكۇر ئېكسپېدىتسىيە 2014-يىلى قازاقىستان مىللىي جۇغراپىيە جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ سەپەر نەتىجىلىرى 2016-يىلى «ئالتە شەھەر بويىچە ساياھەت» ناملىق كىتابتىن ئورۇن ئالغان ئىدى.

«ئاسىيا يۈرىكىگە» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىدا سۆزگە چىققان جۇغراپىيە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئاخمېتكال مېدېۋ، چۇقان ۋەلىخانوف نامىدىكى مۇزېينىڭ مۇدىرى ساۇلې ئابىشېۋا ۋە باشقىلار ئىسمايىلجان ئىمىنوفنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى، ئۇنىڭ يېڭىدىن يورۇق كۆرگەن كىتابى، مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتايشۇناس، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى كلارا خافىزوۋا خانىم ئىسمايىلجان ئىمىنوفنىڭ كەسپىي دەرىجىگە يەتكەن، تونۇلغان يازغۇچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قازاقىستان جۇغراپىيە جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدىمۇ ئالاھىدە ھۆرمەتكە ئىگە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇ ياش ۋاقتىدىن ساياھەت قىلىشقا قىزىققان. شۇڭلاشقا ئۇ بىرىنچى بولۇپ ئۆزىنىڭ تارىخىي ۋەتىنىگە ئىككى قېتىم ساياھەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئەلدە ئالغان تەسىراتلىرىنى بۇنىڭدىن ئىلگىرى، مەسىلەن، 100-150 يىل، بىر نەچچە ئەسىر بۇرۇن ساياھەت قىلغان ئاتاقلىق شەخسلەرنىڭ تەسىراتلىرى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ. ئىسمايىلجان شۇنىڭ ئارقىلىق ئۆز يۇرتىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىدۇ. ئۇ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىدا ھەر خىل مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن بىللە ئۆسۈپ، ئەمگەك قىلغانلىقتىن ئۆزىنىڭ خەلقىنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى شۇلارغا تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. ھەقىقەتەنمۇ مەركىزىي ئاسىيا پۈتكۈل ئاسىيانىڭ يۈرىكى ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرىكى ئاتاقلىق ساياھەتچىلەرمۇ شۇنداق دەپ ھېسابلىغان. جۇغراپىيەلىك نۇقتىئىنەزەردىن ئېلىپ قارىساق، ئاسىيانىڭ يۈرىكى ئالتاي ئۆلكىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز بارلىقىمىز ئالتاي تىل گۇرۇپپىسىغا كىرىمىز.»

ئىسمايىلجان ئىمىنوف ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ جامبۇل ناھىيەسىگە قاراشلىق قارغالى يېزىسىدا تۇغۇلغان. ھازىرقى ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىنى تاماملاپ، كۆپ يىللار مۇئەللىم، مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئەمگەك قىلغان. ئىسمايىلجان ئىمىنوف بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان يازغۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدى. ئۇ «بالىلىق چاغنىڭ بۇلاقلىرى»، «بىرىنچى قارغالى. . .»، «ئەزىزانە قەشقەر»، «ئالتە شەھەر بويىچە ساياھەت» قاتارلىق بىر نەچچە كىتابلارنىڭ ئاپتورى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.