«شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسارەت ۋە زۇلۇمنىڭ ھەقىقىي يۈزى» ناملىق كىتاب ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2018.03.14
sherqiy-turkistandiki-asaret-we-zulumning-heqiqiy-yuzi.jpg «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسارەت ۋە زۇلۇمنىڭ ھەقىقىي يۈزى» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Arslan

«شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسارەت ۋە زۇلۇمنىڭ ھەقىقىي يۈزى» ناملىق كىتاب ئىستانبۇلدىكى رۇمۇز نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. بۇ كىتابنى ئىستانبۇلدىكى «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» نىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان نەشرگە تەييارلىغان.

تۈركچە يېزىلغان بۇ كىتابقا كۆپلىگەن رەڭلىك رەسىملەر كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، 154 بەتلىك بۇ كىتاب تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇمنى چۈشىنىشىدە مۇھىم مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

كىتابتا شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار ئومۇمىي مەلۇماتلار، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە جۇغراپىيەسى، بۇ يەردە ياشايدىغان يەرلىك مىللەتلەر، يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى، بۇ زېمىندا تارىختا ئىز قالدۇرغان مەشھۇر شەخسلەر توغرىسىدا مەلۇماتلار بېرىلگەن. سۇتۇق بۇغراخان، مەھمۇت قەشقىرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ياقۇپبەگ بەدۆلەت، سابىت داموللام، ئەلىخان تۆرەم، مۇھەممەتئىمىن بۇغرا، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، ئوسمان باتۇر قاتارلىق تارىخىي شەخسلەرنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان.

كىتابتا يەنە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان چېگرالىرى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان تارىخىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرى شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى توغرىسىدا ئومۇمىي چۈشەنچىلەرگە يەر بېرىلگەن.

كىتابتا يەنە «خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ»، «ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قانچىلىك دەرىجىدە ئاپتونومىيەلىك ھوقۇققا ئىگە؟» دېگەندەك تېمىلاردىكى مۇلاھىزىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا كىتابتا يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىنقى زامانلاردا يۈز بەرگەن بارىن ئىنقىلابى، غۇلجا ۋەقەسى، ئۈرۈمچى قەتلىئامى، يەكەن ئىلىشقۇ ۋەقەسى قاتارلىق زور ۋەقەلەر توغرىسىدىمۇ مەلۇماتلار بېرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كىتابتا ئۇيغۇر دىيارىدا يەرلىك خەلقلەرنىڭ دىنى ئېتىقادى، مىللىي مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلەنگەنلىكى ھەققىدىكى مەسىلىلەرمۇ دەلىل-پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

كىتابنىڭ مۇقەددىمىسى تارىختا ئۆتكەن تۈرك-ئۇيغۇر خاقانلىرىنىڭ ئۆز خەلقىنى خىتايلاردىن ئاگاھلاندۇرۇپ «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى» غا يېزىلغان قىممەتلىك نەسىھەتلىرى بىلەن باشلانغان. كىتابقا بىلگى خاقاننىڭ تۈركلەرنى خىتايلاردىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەنلىكى يېزىلغان: «مەن خىتايلارنىڭ ئالتۇن، كۆمۈش، يىپەكلىرىگە، تاتلىق سۆزلىرى ۋە قىممەتلىك سوۋغاتلىرىغا ئالدانمىدىم. بىز نۇرغۇنلىغان تۈركلەرنىڭ ئۇلارغا ئالدىنىپ يوق بولۇپ كەتكەنلىكلىرىنى ۋە ئاسارەت ئاستىدا قالغانلىقلىرىنى ھېچ ئۇنتۇمىدۇق. مەن تەڭرىنىڭ ياردىمىگە سېغىندىم. مەن تۈركلەرنىڭ خاقانىمەن.»

كىتابنىڭ خۇلاسىسىدە مۇنداق يېزىلغان: «ھازىر شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىگە قارايدىغان بولساق، يەرلىك خەلق ئارىسىدا چوڭ بىر ئويغىنىش كۆرۈلۈۋاتىدۇ، بولۇپمۇ كۆپىنچە ياشلار بېسىم ۋە زۇلۇمغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئىرادىسىگە ئىگە بولدى. خىتاي چەتئەللەرگە شەرقىي تۈركىستاندا تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە جار سالسىمۇ، لېكىن ئۇ يەردىكى بېسىم ۋە زۇلۇمنى دۇنيادىن يوشۇرۇپ، مەخپىي ھالدا شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن تېخىمۇ قاتتىق بېسىم قىلىشنى تىز سۈرئەتتە داۋام قىلىۋاتىدۇ. چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلىرىمىز خىتاينىڭ دىپلوماتىيە ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنيا كۈنتەرتىپىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.»

بىز بۇ كىتاب توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن بۇ كىتابنى يېزىپ نەشرگە تەييارلىغان «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» نىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ۋە بۇ كىتابنى سېتىشقا مەسئۇل بولغان «سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسى» نىڭ مۇدىرى ئابدۇخېلىل ئابىتئوغلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بۇ كىتابنى نەشر قىلىشتىكى مەقسىتى ۋە كىتابنىڭ مەزمۇنلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىختىن بۇيان بىر-بىرگە زىچ باغلىنىشلىق ھالدا ياشاپ كەلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قانداشلىق، دىنىي-ئېتىقاد، تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە زور ئوخشاشلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تۈركلەرگە تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۇلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاش ھەمدە ئۇلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇخېلىل ئابىتئوغلى ئەپەندى بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپلىگەن مۇھىم مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تۈركلەرگە تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم ماتېرىيال بولالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.