بارىن ۋەقەسىنىڭ 26-يىللىقى تۈركىيەدە ھەر خىل ئۇسۇلدا خاتىرىلەنمەكتە

0:00 / 0:00

بارىن ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئارىدىن 26 يىل ئۆتتى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى، تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق بۇ ھەقتە مەلۇمات تارقىتىش ئارقىلىق بۇ كۈننى خاتىرىلىمەكتە.

بۈگۈن تۈركىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن 26 يىل بۇرۇن، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، بۇنى ھەرگىز ئۇنۇتمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنۇتتۇرمايدىغانلىقىنى، بۇ كۈننى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا خاتىرىلەپلا قالماستىن، بۈگۈن تۈرك ئاخباراتىغا بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بارىن ۋەقەسىنىڭ 26-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن يەنى چارشەنبە كۈنى ئاقشام مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە بارىن ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىتلەرگە ئاتاپ خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاق قۇرئان تىلاۋەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بارىن ۋەقەسى ھەر يىلى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە، ئۇنداقتا تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان ئىستانبۇلدا نېمە پائالىيەتلەر بولماقچى؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى. ئۇ، 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىستانبۇلدا چوڭ بىر خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى بارىن ۋەقەسىنى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.