بېرلىندا دولقۇن ئەيساغا تەقدىم قىلىنغان توننى كىيدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.04.27
dolqun-eysa-ton-kiydurush.jpg قازاقىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە ئامېرىكىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى تەبرىكلەپ تون كىيدۈرۈلدى. 2016-يىلى 26-ئاپرېل، بېرلىن.
RFA/Qutluq

26-ئاپرېل بېرلىندىكى تۈرك رېستورانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيساغا تون كىيدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

26-ئاپرېل گېرمانىيەنىڭ مەركىزى بېرلىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن چاقىرىلغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە ئائىت خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار شۇ كۈنى كەچتە بىر يەرگە جەم بولۇپ، قازاقىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسانىڭ ئامېرىكىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن تون كىيدۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، بېرلىندىكى يىغىنغا قاتناشقان بىر قىسىم ۋەكىللەرمۇ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ ئۆز پىكىرلىرى بايان قىلدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن نەق مەيداندىن تەييارلانغان پروگراممىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.