مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 5-ماي دوپپا بايرىمى ھەققىدىكى تەسىراتلىرى

0:00 / 0:00

5-ماي دوپپا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار تۈرلۈك شەكىللەردە بۇ بايرامنى قوللاش ئىپادىلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

5-ماي كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا « 5-ماي دوپپا بايرىمى» نى تۈرلۈك شەكىللەردە قۇتلاش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى. ئۇيغۇر ئىلى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش تەشەببۇسى نەتىجىسىدە 3 يىل ئىلگىرى بارلىققا كېلىپ، يىلدىن ‏- يىلغا ئومۇملىشىۋاتقان بۇ بايرام، بۇ يىل تېخىمۇ جانلانغان بىر شەكىلدە كۆزگە چېلىقتى.

بۈگۈن بىز «5-ماي دوپپا بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر دوپپىلىرىنى كىيىپ، مەزكۇر بايرامنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تەبرىكلىگەن گېرمانىيە، ئەنگلىيە، ياپونىيە قاتارلىق ئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىدىن ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى 5-ماي دوپپا بايرىمىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ چۈشەنچىلىرىنى شەرھلەپ ئۆتتى. ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەپەندى بولسا، بۇ بايرامنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئەپەندى، 5-ماي دوپپا بايرىمىنىڭ خىتاينىڭ مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە قارشى ئوتتۇرىغا چىققان بىر مەدەنىي كۈرەش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. گېرمانىيەنىڭ كارلىسرۇھى شەھىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنىۋەر ئەپەندىمۇ، 5-ماي دوپپا بايرىمىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى جانلىق بىر ئىنكاسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

زىيارىتىمىز ئەسناسىدا، گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا 5-ماي كۈنى ئېلان قىلغان « دوپپام» ناملىق ناخشا ۋە شېئىرنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى.