قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018.09.24
doppa-bayrimi-qazaqistan-1.jpg

مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولغان «دوپپا بايرىمى» پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 24-سېنتەبىر، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

doppa-bayrimi-qazaqistan-2.jpg

مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولغان «دوپپا بايرىمى» پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 24-سېنتەبىر، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

doppa-bayrimi-qazaqistan-3.jpg

مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولغان «دوپپا بايرىمى» پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 24-سېنتەبىر، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

doppa-bayrimi-qazaqistan-4.jpg

مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولغان «دوپپا بايرىمى» پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 24-سېنتەبىر، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

doppa-bayrimi-qazaqistan-5.jpg

مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولغان «دوپپا بايرىمى» پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 24-سېنتەبىر، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

24-سېنتەبىر كۈنى ئالمۇتا شەھىرىگە ئورۇنلاشقان «پەرۋاز» رېستورانىغا جەم بولغان ئۇيغۇرلار مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولغان «دوپپا بايرىمى» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى. مەزكۇر پائالىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بىرلەشمىسى يېنىدىكى «مىراس» ئۇيغۇر ئاياللىرى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئاياللىرى ئاكتىپلىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن «مىراس» ئۇيغۇر ئاياللىرى جەمئىيىتى قۇرۇلغان ئىدى. مەزكۇر جەمئىيەت ئاھالىلەر ئارىسىدا ئانا تىلىنى ساقلاش، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى تەرغىب قىلىش، ياشلارنىڭ مىللىي روھتا تەربىيەلىنىشى بويىچە پائالىيەتلەرنى ئاكتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىدۇر.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ئاكتىپلىرىنىڭ بىرى، پېشقەدەم ئۇستاز، «دوپپا بايرىمى» مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش تەشەببۇسكارى گۈلۋەرەم مەمەتتوختىيېۋا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار قەدىمىي مەدەنىيەتكە ئىگە، ئۆرپ-ئادەتلىرى باي بىر مىللەت بولۇپ، ھازىرغىچە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشقا ئىنتىلىۋاتقان خەلق ئىكەن. ئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتكەن مەزكۇر مۇراسىم ئەنە شۇنىڭ بىر يارقىن مىسالى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلار ۋە باشقىمۇ مىللەت ۋەكىللىرى بولۇپ، 150 كە يېقىن ئادەم قاتناشقان. ئۇ مەزكۇر پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت جانكۆيەرى، «مىراس» ئۇيغۇر ئاياللىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەختىرىم ئەخمەتوۋانىڭ رىياسەتچىلىك قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئەختىرىم ھەدىدىن مۇشۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان ئىدىم. بىزگە دوست بولغان باشقا مىللەتلەرنى چاقىرىپ، ئۇلارغا ئۆزىمىزنىڭ بارىنى، بىرلىكىمىزنى، قەدىمىي خەلق ئىكەنلىكىمىزنى يەتكۈزسەك ھەمدە مىللەت ئۈچۈن جانكۆيەرىمىز، ئالىمىمىز دىلنۇر رەيھاننىڭ ھۆرمىتىگە مۇشۇ بايرامنى ئۆتكۈزگىنىمىزنى كۆرسەتسەك دېگەن مەقسەت بىلەن بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزدۈم. يەنە بىر مەقسەت دوپپىنىڭ خاسىيىتىنى، بەرىكىتىنى كۆرسىتىشتىن ئىبارەت بولدى. بۇ يەردە ئىسپانلار، فىرانسۇزلار، ئامېرىكىلىقلار، رۇسلار، قازاقلار بولدى، ئومۇمەن يەتتە مىللەت ۋەكىلى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى».

«دوپپا بايرىمى» غا قاتناشقان رۇسىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ ۋەكىلى ھەمراجان ئامراق «دوپپا بايرىمى»دىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى، قازاقىستاندا ئۇيغۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ ياخشى ساقلىنىپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭلاشقا بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان سانكت-پېتېربۇرگتىكى ئۇيغۇرلارغا دائىم ئۈلگە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «بىز ئون يىل بولۇپ قالدى، ھەر يىلى ئانا تىلى كۈنىنى، دوپپا بايرىمىنى ئۆتكۈزىمىز. بىزمۇ ئۆرپ-ئادەتلەرنى ساقلاپ قېلىشقا ئۆز ئۈلۈشىمىزنى قوشۇۋاتىمىز. بىز پائالىيەتلەرنى ئىككى تىلدا ئۆتكۈزىمىز، سەۋەبى ئارىمىزدا باشقا مىللەت ۋەكىللىرىمۇ بار. بىز ل. مۇتەللىپ توغرىلىق چوڭ پائالىيەت ئۆتكۈزدۇق. رۇسىيەنىڭ سانكت-پېتېربۇرگ شەھىرىگە كەلگەنلەر ئاساسەن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋاقتىدا بارغانلار. كېيىن كەلگەنلەر قىرغىزىستاندىكى ئوش ۋەقەسىدىن كېيىن كەلگەنلەر. بۇ يەردە 30-40 تەك ئائىلە بار. باش قوشۇشىمىز بار. مەن شۇ يەردىكى يىگىت بېشى. دائىم ئالاقە قىلىپ تۇرىمىز.»

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندا ئۇيغۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تەرغىب قىلىشتا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرى، جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلار، ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەر ۋە باشقىلار چوڭ رول ئوينىماقتا. قازاقىستان ھۆكۈمىتى بۇ مەملىكەتتە ياشاۋاتقان يۈزدىن ئوشۇق مىللەتكە ئۆز تىلىنى ساقلاش، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، مەدەنىيىتىنى تەرغىب قىلىش مۇمكىنچىلىكلىرىنى يارىتىپ بەرگەن. شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ بۇ يۆنىلىشتە كۆپلىگەن ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى.
تونۇلغان ساتىرىك يازغۇچى، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئاكتىپلىرىنىڭ بىرى ئابدۇخالىق مەھمۇدوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئادەم بالىسىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قاراپ يۈكسىلىنىدىكەن. ئەنە شۇنداق بىر دەۋردە ئادەملەر ئۆزىنىڭ كىملىكىنى، كىمگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئايرىيدىغان دەرىجىگە يېتىدىكەن. مۇشۇنىڭ ئۆزى مىللەتنى ساقلاشقا بولغان چوڭ بىر قەدەم ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر خەلقىمىز ئارىسىدا مىللىي ئاڭ-سېزىمگە نىسبەتەن ئىنتىلىش، شۇنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش كېتىپ بارماقتا. ھازىر قازاقىستاندا مۇستەقىللىق ئالغاندىن بۇيان مىللىي مەسىلىگە بولغان ئېتىبارمۇ باشقىچە كۈچەيدى. بىزنىڭ خۇشال بولىدىغانمۇ، رەنجىيدىغان ئىشلىرىمىزمۇ بار. بىراق شۇنىڭغا قارىماي، بولۇپمۇ ياشلىرىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ساقلاشقا بولغان ئىنتىلىشى كۈچلۈك. بۇنى بولۇپمۇ مەشرەپلەردە كۆرۈشكە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مىللىي خاسلىققا ئىگە ھالدا كېتىپ بارىدۇ. مۇشۇنىڭ ئۆزى مىللەتنى ساقلاشقا بولغان چوڭ ئىنتىلىشتۇر. مىللىي مەسىلە ئادەتتىكى توي-تۆكۈنلەردە، نەزىر-چىراغلاردا ياخشى كۆرۈنىدىغان نەرسىلەر ئىنتايىن كۆپ».

ئابدۇخالىق مەھمۇدوف شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا ئۆز ئانا تىلىنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى يوقىتىۋاتقان ئادەملەرنىڭمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچەكتە مىللەت بولۇپ ساقلىنىشىدا كۆپىنچە ياشلارغا ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ ياشلارنى مىللىيلىكتە تەربىيەلەشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىش زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.