دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى كانادادىكى بىر ھەپتىلىك زىيارىتى ھەققىدە توختالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
2013.11.28
duq-wekilliri-toronto-ikki-jumhuriyet.jpg شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋېلىش بىرلەشمە پائالىيىتى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت مارشى بىلەن باشلاندى. 2013-يىلى 17-نويابىر، تورونتو.
RFA/Gulshen

يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىدىن ئەسقەرجان، ئىلھام ماھمۇت ۋە دولقۇن ئەيسالار كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە زىيارەتتە بولۇپ، بۇ يەردىكى كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەھبەرلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشتى ھەمدە ئۇيغۇر كانادا جەمئىيىتى تەشكىللىگەن شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئۇلار، ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ئائىلىسىنى يوقلىدى ۋە بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر تورونتودىن ئايرىلىش ئالدىدا مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كانادادا ئېلىپ بارغان بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى خۇلاسىلىدى ۋە ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.