د ئۇ ق رەھبەرلىرى ۋېنگىرىيەدە تۇران، ھون قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل ئەۋەتىش مەسىلىسىنى سۆزلەشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.07.26
wengiriye-honlar-qurultiyi-5.jpg

ۋېنگىرىيەدىكى ھونلار قۇرۇلتىيىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى. RFA/Ekrem

wengiriye-honlar-qurultiyi-4.jpg

ۋېنگىرىيەدىكى ھونلار قۇرۇلتىيىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى. RFA/Ekrem

wengiriye-honlar-qurultiyi-3.jpg

ۋېنگىرىيەدىكى ھونلار قۇرۇلتىيىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى. RFA/Ekrem

wengiriye-honlar-qurultiyi-2.jpg

ۋېنگىرىيەدىكى ھونلار قۇرۇلتىيىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى. RFA/Ekrem

wengiriye-honlar-qurultiyi-1.jpg

ۋېنگىرىيەدىكى ھونلار قۇرۇلتىيىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى. RFA/Ekrem

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئۈمىد ئاگاھى بىلەن پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىلەر يېقىندا ۋېنگىرىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، تۇران قۇرۇلتىيى ۋە خەلقئارا ھون قۇرۇلتىيى باش شتابىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغان. ئۇلار بۇ جەرياندا كېلەر ئاي ۋېنگىرىيەدە ئېچىلىدىغان مەزكۇر ئىككى قۇرۇلتايغا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى ئەۋەتىش مەسىلىسىنى سۆزلەشكەن ھەمدە ۋېنگىرىيەدىكى بىر قىسىم ئەربابلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بەرگەن.

ئۇلار 22-ئىيۇل كۈنى باشلانغان 3 كۈنلۈك ۋېنگىرىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 24-ئىيۇل كۈنى ميۇنخېنغا قايتىپ كەلگەن ئىدى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئالدى بىلەن ۋېنگىرىيەدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىم زىيارەتنىڭ مەقسىتىنى ئىزاھلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 8-ئاينىڭ 11-، 14-كۈنلىرى ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشتتا 6-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيى چاقىرىلىدىكەن. تۇران قۇرۇلتىيى 2006-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھەر 2 يىلدا بىر چاقىرىلىدىغان بۇ قۇرۇلتاي تۇنجى قېتىملىق پائالىيىتىنى شۇ يىلى ھونلار قۇرۇلتىيى بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن. شۇ قېتىمقى پائالىيەتكە بىرقانچە يۈزمىڭ ھون-تۈرك نەسىللىك خەلقلەر قاتناشقان، ئۇيغۇرلارمۇ تەكلىپ بىنائەن قاتنىشىپ، تۇنجى قېتىم ھون تۇپراقلىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى لەپىلدەتكەن. ئۇيغۇرلار بىلەن ھونلارنىڭ مۇناسىۋىتى، ئايرىلىپ مىڭ يىلدىن كېيىن مانا مۇشۇ ھەيۋەتلىك قۇرۇلتايدا قايتىدىن باشلانغان. شۇندىن كېيىن ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇران قۇرۇلتىيىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ تارىخى قان -قېرىنداشلىرىغا كىملىكىنى تونۇتۇپ كەلمەكتە.

قۇرۇلتاي مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، بۇندىن 10 يىل ئىلگىرى ئۇيغۇرلار بىلەن ھونلارنىڭ مۇناسىۋەت رىشتىنى باغلىغان شەخسلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئالدى بىلەن بۇ تارىخ ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.

ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئەسناسىدا، ۋېنگىرىيەدىكى بىر قىسىم مۇھىم ئەربابلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ۋېنگىرىيە ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ۋېنگىرىيەدە تەشۋىق قىلىپ، ئۇيغۇر ۋە ھونلارنىڭ قان قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلغان يانىش ئەپەندى، د ئۇ ق نىڭ بۇ ئىككى رەھبىرىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە بولغان ھۆرمەت ۋە سالىمىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئالدى بىلەن قېرىندىشىمىز بولغان ئۇيغۇرىستان خەلقىگە سالام. بولۇپمۇ ئاخىرقى يىللاردا، ۋېنگىرىيە خەلقى ئۆزىنىڭ قان قېرىندىشى بولغان ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك تونۇپ يەتتى. بىز ھەقىقەتەنمۇ بىر ئائىلىنىڭ ئادەملىرى، بۇ گېنېتىكىلىق تەكشۈرۈشلەردىمۇ ئىسپاتلانغان. بىز پەقەتلا ئىككى خىل تىلدا سۆزلىشىۋاتىمىز. مېنىڭ بوۋامنى ئۇيغۇرلار چوقۇم تونۇيدۇ. ئۇنىڭ ئىسمى ‹باتۇر خاقان›. ئۇ ھەممىمىزنىڭ بوۋىسى ئىدى. مەندىن رابىيە خانىمغىمۇ سالام دەڭلار. ئۇنى يېقىن كەلگۈسىدە ۋېنگىرىيەدە كۈتۈۋالىمىز.»

يانىش ئەپەندى بۇ يەردە تىلغا ئالغان «باتۇر خاقان» بولسا، ئۇيغۇر تارىخچىلىرى، جۈملىدىن تۇرغۇن ئالماس ئەپەندى «ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە ھەيۋەت بىلەن تەسۋىرلەيدىغان، ئۇيغۇرلار ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئالىدىغان «باتۇر تەڭرىقۇت» نى كۆرسىتىدۇ.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىمۇ، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھونلار قۇرۇلتىيى (ماجار قۇرۇلتىيى) 1960-يىللىرى قۇرۇلغان بولۇپ، 9-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى بۇ يىل 8-ئاينىڭ 15-، 18-كۈنلىرى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ھەر 7 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ھونلار قۇرۇلتىيىغا 500 ئەتراپىدا كىشى قانىشىپ، قۇرۇلتاي رەئىسى ۋە باشقا ئورگانلارنىڭ مەسئۇللىرىنى سايلاپ چىقىدىكەن. ھونلار قۇرۇلتىيىنىڭ 40 ئەتراپىدىكى دۆلەتتە مەخسۇس ئىشخانىلىرى تەسىس قىلىنغان.

ھونلار قۇرۇلتىيى بىلەن تۇران قۇرۇلتىيى بىرگە ئۆتكەن چاغلاردا، ۋېنگىرىيە بايرام تەنتەنىسىگە چۆمىدىكەن. دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن كەلگەن مىليونغا يېقىن ھون، تۈرك نەسىللىك خەلقلەر ئورتاق بايرام قىلىدىكەن.

ھونلار قۇرۇلتىيى بىلەن تۇران قۇرۇلتىيىنىڭ تۈپ پەرقى بولسا-ھونلار قۇرۇلتىيى سىياسىي، مىللىي خىزمەتلەرنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان؛ تۇران قۇرۇلتىيى مەدەنىيەت پائالىيەتلەرنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان. تۇران قۇرۇلتىيىدا بارلىق ھون، تۈرك نەسىللىك خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ تارىخى مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرىنى كۆرەك قىلىدۇ.

خەۋەرلەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، بۇ يىلقى تۇران، ھون قۇرۇلتىيىغا ئاز دېگەندە 500 مىڭ ئەتراپىدا كىشى قاتنىشىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.