د ئۇ ق ھەيئىتى توكيودىكى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» مۇجاھىدىلىرىنىڭ قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2017.02.20
mexmut-muhiti-akisi-musul-haji-muhiti-qebre.jpg د ئۇ ق ھەيئىتى توكيودىكى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» مۇجاھىدىلىرىدىن گېنېرال مەخمۇت مۇھىتىنىڭ ئاكىسى مۇسۇلھاجى مۇھىتىنىڭ قەبرىگاھىدا. 2017-يىلى 17-فېۋرال، توكيو.
RFA/Qutluq

11-فېۋرالدىن باشلاپ ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى 17-فېۋرال كۈنى ئەتىگەندە توكيو تاما قەبرىستانلىقىدىكى 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي قوماندانى گېنېرال مەخمۇت مۇھىتى بىلەن بىرلىكتە 1939-يىلى 5-ئايدا ياپونىيەگە كېلىپ ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم تەلەپ قىلغان ۋە كېيىن ياپونىيەگە يەرلىشىپ بۇ يەردە ۋاپات بولغان گېنېرال مەخمۇت مۇھىتىنىڭ ئاكىسى مۇسۇلھاجى مۇھىتى، مەخمۇت مۇھىتىنىڭ ئوردو تىل تەرجىمانى توختى بەگزادە قاتارلىق زاتلارنىڭ قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلىپ قۇرئان تىلاۋەت قىلدى.

پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ياپونىيەدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن سېيىت تۈمتۈرك، ئۈمىد خەمىت ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىملار بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.