ئەنقەرەدە «ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، تارىخى ۋە جۇغراپىيەسى» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلماقچى

0:00 / 0:00


17-نويابىردىن 19-نويابىرغىچە تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە «ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، تارىخى ۋە جۇغراپىيەسى» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلماقچى. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمى مۇدىرى ئۇيغۇرشۇناس پروفېسسور دوكتور سەما بارۇتجۇ ئۆزۆندەر خانىمنىڭ باشچىلىقىدا ئۇيۇشتۇرغان يىغىنغا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تۈرك ئاكادېمىكلاردىن بولۇپ 40 ئەتراپىدا كىشى قاتناشماقچى.

قىزىقارلىقى شۇكى ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان يىغىن 10 ئولتۇرۇش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ھەر ئولتۇرۇشقا قاتارى بويىچە «ئوغۇزخان ئولتۇرۇشى»، «ئىدىقۇت ئولتۇرۇشى»، «ھىسام قۇربان ئولتۇرۇشى»، «سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئولتۇرۇشى»، «ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئولتۇرۇشى»، «مەخمۇت قەشقىرى ئولتۇرۇشى»، «ئۇلۇغبەگ ئولتۇرۇشى»، «سەيدى ۋاققاسوف ئولتۇرۇشى»، «خەمىت تۆمۈر ئولتۇرۇشى» قاتارلىق ئىسىملار بېرىلگەن. بۇ ئولتۇرۇشقا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئالدى بىلەن ئۇلار توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن باشقىلارنى سۆزگە تەكلىپ قىلىدۇ.

ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 2002-يىلىدىن تارتىپ ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ، بۇ يىلقىسى مەخسۇس ئۇيغۇر تەتقىقاتى توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئۇيغۇر تەتقىقات يىغىنىنىڭ تەكلىپنامىسى
ئۇيغۇر تەتقىقات يىغىنىنىڭ تەكلىپنامىسى


بىز بۇ يىغىن توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن 2002-يىلىدىن تارتىپ بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ كېلىۋاتقان دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

ئۇ، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، تارىخى ۋە جۇغراپىيەسى» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.