قەلەمدارلىقتىن ئەلەمدارلىققىچە - ئەخمەتجان ئوسماننىڭ سەرگۈزەشتلىرى 1 -

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2016.06.17
Yaponiye Parlamentidiki Yapon-Uyghur Dostluq Guruppisining bashliqi Furuya Keiji bilen ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ياپون-ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى فۇرۇيا كېيجى بىلەن
RFA/Pidaiy


ئۆزگىچە ئۇسلۇب ۋە پىكىرلىرى بىلەن ئۇيغۇر يېقىنقى زامان شېئىرىيىتىدە ئېتىراپقا ئېرىشكەن شائىر ئەخمەتجان ئوسماننى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار تونۇيدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ قەلەمدە ئەكس ئەتتۈرگەن ئەركىنلىك ئىسيانى، خەلقئارادىكى شائىرلارنىڭ ھاياجىنىدا سادالىنىۋاتقانلىقى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەت سۆيەرلىك بىلەن يۇغۇرۇلغان ۋۇجۇدىنىڭ سىياسىي دەۋا سەپلىرىدە ئورۇن ئالغانلىقى مەلۇم.

رەسىم نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامزاتى فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق سۈرىيەلىك شائىر ئادونىس (ئەلى ئەھمەد سەئىد ئەسبەر)
رەسىم نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامزاتى فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق سۈرىيەلىك شائىر ئادونىس (ئەلى ئەھمەد سەئىد ئەسبەر)

ئۇنىڭ زۇلۇمغا قارشى جەڭ ئېلان قىلىۋاتقان بۇ خىل سېيماسى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆزگىچە بىر تەسۋىرگە ئايلاندىكى، ئۇنىڭ شائىرلىق ھاياتىدىكى كەچمىشلىرى بىلەن سىياسەت يولىدىكى كەسكىن بۇرۇلۇشىنىڭ بىر قاتار سەۋەبلىرى توغرىلىق شېئىر بىلەن ئېتىقاد، شائىرلىق بىلەن سىياسەت ۋە كىشىلىك ھايات بىلەن غايە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق ھەل قىلغانلىقىنى، ۋەتەن - مىللىتىنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك قانداق پىكىر - قاراشلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ بېقىشنى خالايدىغانلار خىلى كۆپ.
 ئامېرىكىلىق شائىر ۋە نەشرىياتچى داۋىد شوئوك ۋە برازىلىيەلىك شائىرە ئاڭگەلىكا فرەئىتاس بىلەن
ئامېرىكىلىق شائىر ۋە نەشرىياتچى داۋىد شوئوك ۋە برازىلىيەلىك شائىرە ئاڭگەلىكا فرەئىتاس بىلەن

ئەگەر سىزمۇ بۇ مەزمۇنلارغا قىزىقسىڭىز، دىققىتىڭىز گوللاندىيەدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىينىڭ ئەخمەتجان ئوسمان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە بولسۇن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.