قەلەمدارلىقتىن ئەلەمدارلىققىچە - ئەخمەتجان ئوسماننىڭ سەرگۈزەشتلىرى (3)
2016.07.14
ئۆزگىچە ئۇسلۇب ۋە پىكىرلىرى بىلەن ئۇيغۇر يېقىنقى زامان شېئىرىيىتىدە ئېتىراپقا ئېرىشكەن شائىر ئەخمەتجان ئوسماننى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار تونۇيدۇ.
ئۇنىڭ شائىرلىق ھاياتىدىكى كەچمىشلىرى بىلەن سىياسەت يولىدىكى كەسكىن بۇرۇلۇشىنىڭ بىر قاتار سەۋەبلىرى توغرىلىق شېئىر بىلەن ئېتىقاد، شائىرلىق بىلەن سىياسەت ۋە كىشىلىك ھايات بىلەن غايە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق ھەل قىلغانلىقىنى، ۋەتەن-مىللىتىنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك قانداق پىكىر-قاراشلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ بېقىشنى خالايدىغانلار خىلى كۆپ.
ئەگەر سىزمۇ بۇ مەزمۇنلارغا قىزىقسىڭىز، دىققىتىڭىز گوللاندىيەدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىينىڭ ئەخمەتجان ئوسمان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ داۋامىدا بولسۇن.
بۇنىڭدا شائىرنىڭ ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىرىيىتىدىكى تاشىقى رېتىم بىلەن يېڭى دەۋر شېئىرىيىتىدىكى ئىچكى رىتىم ھەققىدىكى كۆز قاراشلىقىنى ئاڭلايسىلەر ۋە شائىرنىڭ ئۇستازلىرىدىن مەشھۇر ئىسىملار بىلەن تونۇشىسىلەر...