غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار (7B)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.07.28
Feruq-Qehriman-turkiye.jpg تۈركىيە ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى فەرۇق قەھرىمان. 2016-يىلى فېۋرال، تۈركىيە قەيسەرى.
RFA/Qutlan

ئىككىنچى قىسىم: ياۋروپادىكى ياش بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلار

بىرىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئارىسىدىكى كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرى دۇچ كەلگەن ھەر قېتىملىق مۇھىم تاللاشلاردا ھامان ئۇلارنىڭ ئىرادىسى ۋە قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدە ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى ئەنە شۇ خىل قاراشتىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ بىرى. ئۇ ئۇزۇن يىللىق ھىجراندىن كېيىن جەم بولغان ئوغلىنىڭ گوللاندىيەدىكى ئوقۇش ۋە كەسپىي تاللىشىغا ھۆرمەت قىلغانلىقىنى ھەمدە پۈتۈن ئىمكانىيىتى بىلەن قوللىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

دەرۋەقە، ئارزۇ بەدەلسىز ئىشقا ئاشمايدۇ، ئەمما تىنىمسىز تىرىشچانلىق بىلەن ئالغا قاراپ مېڭىش روھى ھەرقانداق چۈشنىڭ رېئاللىشىشىنى تېزلىتىدۇ. بۇ مەنتىقىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن زەينىدىن ئەپەندى ئوغلىنىڭ ئۆز تاللىشى بويىچە ساقچى فورمىسىنى كىيىپ گوللاندىيەدىكى شىفول خەلقئارا ئايرودرومىدا پراكتىكانت ساقچى بولۇپ ئىشلىگىنىنى كۆرگىنىدە چوڭقۇر ھاياجانغا چۆمگەنلىكىنى ئەسلەيدۇ.

6 يېشىدا ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ گېرمانىيەگە كەلگەن ئىپتىخار ئىليار ھەم گېرمانىيىدىكى كۆپ خىل مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ھەم ئائىلىسىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ چوڭ بولغان ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى كەسپ تاللىشىدا شەخسەن ئۆزى قارار بەرگەندىن سىرت يەنە ئاتا-ئانىسى بىلەنمۇ تەپسىلىي مەسلىھەتلەشكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

تۈركىيەنىڭ ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئايروپىلان تېخنىك ئىنژېنېرلىقى بويىچە ئوقۇۋاتقان فەرۇق قەھرىمان كەلگۈسىگە نىسبەتەن زور ئىشەنچكە ئىگە ئۇيغۇر ستۇدېنتلىرىنىڭ بىرى. ئۇ قەيسەرىدە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا ئۆزىنىڭ ھامان بىر كۈنى ئاتا-بوۋىلىرى ياشىغان يىراقتىكى ۋەتىنىگە قايتىپ ئۆز خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئۇ بۈگۈنكى تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تونۇلغانلىقىنى ۋە تۈرك خەلقىنىڭ چوڭقۇر ھېسسىداشلىقىغا ئېرىشكەنلىكىنى، بۇ رېئاللىقنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىغا زور ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئىپتىخار ئىليار زىيارىتىمىز جەريانىدا ئامېرىكىدىكى كۆچمەنلەر بىلەن گېرمانىيەدىكى كۆچمەنلەرنىڭ كىملىك تۇيغۇسىدىكى بىر قىسىم پەرقلەرنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئامېرىكىغا بارغىنىمدا ئامېرىكىدىكى كۆچمەنلەرنىڭ ‹مەن ئامېرىكىلىق› دېگەن ۋاقىتتىكى كىملىك تۇيغۇسى بىلەن گېرمانىيەدىكى كۆچمەنلەرنىڭ ‹مەن گېرمانىيەلىك› دېگەن ۋاقىتتىكى كىملىك تۇيغۇسى ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر پەرق بارلىقىنى ھېس قىلدىم. گېرمانىيە گېرمان مىللىتىنى ئاساس قىلغان كۆپ مىللەتلىك ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەتلىك بىر دۆلەت. شۇڭا بۇ يەردىكى كۆچمەنلەر ئۆزلىرىنى ‹گېرمان› دېيىشتىن كۆرە، گېرمانىيە جەمئىيىتىنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارايدۇ. ھالبۇكى، ئامېرىكىدا كەسكىن ھالدىكى ئېتنىك چېگرا يوقالغان بولۇپ، ئامېرىكا ۋەتەندىشىغا ئايلانغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنى ‹ئامېرىكىلىق› دەپ ھېسابلايدۇ.»

14 ياشلىق رەيھانگۈل دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاش ئۈچۈن پۈتۈن ئائىلىسى بويىچە ئېغىر بەدەل تۆلىگەن بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ پەرزەنتى. ئەزىزانە قەشقەردىن تاكى ئەركىن ياۋروپاغىچە سوزۇلغان ئۇزاق يول ۋە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدىكى ۋەھىمىگە تولغان قاچقۇنلۇق ھاياتى ئۇنىڭ بالىلىق قەلبىگە چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرغان. ئۇ بۈگۈن گوللاندىيەدە قورقۇنچتىن خالىي ھالدا ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆز خىياللىرىنىڭ ھامان يىراقتا قالغان ۋەتىنى ئۈستىدە ئەگىپ يۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

گېرمانىيەگە 6 يېشىدا كەگەن ئىپتىخار ئىليار ئۆزى بىلەن گېرمانىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇكىسى ئوتتۇرىسىدىمۇ پىكىر ۋە قىممەت قاراش جەھەتتىن مەلۇم پەرقلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، تۇغۇلغان تۇپراقنىڭ ھەر بىر ئىنساننىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا قالدۇرىدىغان تەسىرىنىڭ مەڭگۈلۈك بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ياۋروپانىڭ پاراۋوزى ھېسابلانغان گېرمانىيەدە كۆچمەن گۇرۇپپىلار ۋە ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ كىملىك چۈشەنچىسى جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ ئەڭ دىققىتىنى چەككەن تېمىلارنىڭ بىرى.

دەرۋەقە، گېرمانىيەدىكى ئىككى خىل مەدەنىيەت ياكى كۆپ خىل مەدەنىيەتلەر مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، كۆچمەن ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە يېڭى ئەۋلاد ياشلار ئۆز كىملىكى ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلايدۇ؟

بۇ سوئالغا جاۋاب بەرگەن ئىپتىخار ئىليار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆزۈمنى گېرمان ئەمەس، بەلكى گېرمانىيەلىك، يەنى كۆپ مىللەت ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەتتىن تەشكىل تاپقان گېرمانىيە جەمئىيىتىنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارايمەن. ئەمما ئۆزۈمنى قان ۋە مىللىي تۈركۈم جەھەتتىن مەڭگۈ بىر ئۇيغۇر دەپ بىلىمەن!»

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.