قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار: 5-فېۋرال شېھىتلىرى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازاد قاسىم
2015.02.05
ghulja-weqesi-qirghizistan.JPG قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 18 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. 2015-يىلى 5-فېۋرال، بىشكەك.
RFA/Azad Qasim

بۈگۈن 5-فېۋرال كۈنى، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايون، مەھەللىلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتى 1997-يىلى 5-فېۋرالدا ئۇيغۇر ئىلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە تىنچلىق نامايىشىغا چىقىپ، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش مەقسىتىدە «ئالامىدىن» پائالىيەت سورۇنىغا جەم بولۇپ، 18 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن بۇ قانلىق قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى بىر پاجىئەلىك سەھىپە بولۇپ قالغانلىقىنى، ئەينى چاغدا ئۆزلىرىنىڭ قانۇنى ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ نامايىشقا چىققان ھەمدە خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرىدا قۇربان بولغان ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغان ياشلارنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋەكىلى رۇزىمۇھەممەت ھاجىم رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ يىغىلىشتا ئالدى بىلەن 5-فېۋرالدا قازا بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى.

يىغىلىشتا سۆزگە چىققانلار، گەرچە ئارىدىن 18 يىل ئۆتكەن ھەمدە بۇ ئارىدا كۆپلىگەن ۋەقەلەر يۈز بەرگەن بولسىمۇ، 5-فېۋرال قەھرىمانلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق خاتىرىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتۈشتى.

يىغىن ئارىلىقىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پېشقەدەم زىيالىي نازىم قەمبىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۈگۈن بىز خاتىرىلەۋاتقان 1997-يىلى 5-فېۋرالدا يۈز بەرگەن غۇلجا قانلىق قىرغىنچىلىقى، خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشىغا، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقى كەمسىتىشكە قارشى ئىلى ياشلىرىنىڭ ئىلىپ بارغان بىر قېتىملىق تىنچلىق نامايىشىنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ باستۇرۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. گەرچە ئىلى ياشلىرىنىڭ بۇ نامايىشى قانلىق باستۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى كۆرۈشى ھېچقاچان توختاپ قالغىنى يوق. ئارىدىن 18 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى ئەسلەۋاتقىنىمىزنىڭ ئۆزى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بويۇن ئېگىپ ياشاشنى راۋا كۆرمەيدىغان خەلق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.»

يىغىلىشنىڭ ئاخىرىدا، «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئوسمان تۇردى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.