تۈركىيەنىڭ قەيسەرى، ئەنقەرە ۋە باشقا شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.09.04
istanbul-2017-qurban-heyt.jpg ھېيتلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار قۇربانلىق قوينىڭ گۆشلىرىدىن ئېغىز تەگمەكتە. 2017-يىلى 3-سېنتەبىر، ئىستانبۇل.
RFA/Erkin Tarim

بۈگۈن دۈشەنبە كۈنى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭ ھېيتلىرىدىن بىرى بولغان قۇربان ھېيتنىڭ تۆتىنچى كۈنى.

تۈركىيەدە بۇ يىل قۇربان ھېيتى نامىزى، يەنى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئوقۇلغان ئىدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ يىل ھېيتتا 10 كۈن تەتىل قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى. تۈركىيەدە مىليونلىغان كىشىلەر ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇپ، ھېيت نامىزى ئوقۇپ، ئالەمدىن ئۆتكەن يېقىنلىرىنىڭ قەبرىسى بېشىدا دۇئا قىلىپ، قۇربانلىق قويلارنى سويۇۋاتقان شۇ پەيتلەردە، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنەنىسى بويىچە مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ، قۇربانلىقلىرىنى سويۇپ، بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەنلەرنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ زىيارەت قىلىپ، ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ.

بىز تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە، قەيسەرى ۋە باشقا شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھېيت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدۇق. ئۇلار، قۇربان ھېيتنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئالاقە ئورنىتالمىغانلىقىدىن كۆڭۈللىرىنىڭ بەكلا يېرىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.

قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى، بۇرۇن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن 2014-2015-يىللىرى تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق كەلگەن ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ھېيت نامىزى ئوقۇغانلىقى، نامازدىن كېيىن قەبرىستانلىقلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۆزئارا ھېيتلىشىپ بىرلىك ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى قەيسەرىگە ئۆزلىرىنىڭ 1964-يىلى كەلگەنلىكىنى، 2014-2015-يىلى كەلگەن ئۇيغۇرلارنى قوشقاندا ئىككى مەھەللە ئۇيغۇر بارلىقىنى، بۇ ئۇيغۇر توپلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئىزچىل ھالدا داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتقان بولسىمۇ ھەممىسىنىڭ ۋەتەن ھەسرىتىدە كۆڭلى يېرىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بىز بۈگۈن، يەنى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇساپىرلار بىلەنمۇ تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇلار ئەركىن دۇنيادا قۇربان ھېيتنى ياخشى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما يۈرەكلىرىنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سېغىنىش ئوتىدا كۆيۈۋاتقانلىقىنى، كۆڭۈللىرىنىڭ ناھايىتى يېرىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.

تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە خوتەن ئەمىرى مەمەت ئەمىن بۇغرا، ئۇيغۇر تارىخچى ھاجى ياقۇپ ئانات ۋە پېنسىيەگە چىققان ئۇيغۇر گېنېرال، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى مەرھۇم مەمەت رىزا بەكىنلەرنىڭ مازىرى بار شەھەر بولۇپ، ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى قەبرە بېشىغا بېرىپ دۇئا قىلىپ، ئۇلارنى خاتىرىلىگەندىن كېيىن قۇربانلىقلىرىنى سويۇپ ھېيتلىشىشقا باشلىغان. ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
قەيسەرىگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن ۋولقان ئەپەندى تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ياردەم قىلغانلىقىنى، تۈركلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ۋولقان ئەپەندى ئەركىن دۇنيادا قۇربان ھېيتى ياخشى ئۆتكەن بولسىمۇ كۆڭلىنىڭ يېرىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە ھازىر ئىككى ئۇيغۇر مەھەللىسى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى 1964-يىلى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرى ئەخمەت يەسەۋىي مەھەللىسىگە جايلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقان مەھەللە، يەنە بىرى بولسا 2013-2014 يىللىرىدا مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق كەلگەن ئۇيغۇرلار تۇرۇشلۇق بەلسىن دۆلەت قورۇسىدۇر. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھازىر 2 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ئەنقەرەدە دۆلەت ئىدارىلىرىدە خىزمەت قىلغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بار بولۇپ، ئۇلارمۇ ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە قۇربان ھېيتىنى ئۆتكۈزمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.