ئىككى جۇمھۇرىيەت خاتىرىلەندى ۋە رابىيە خانىمنىڭ 70 يىللىق تەۋەللۇتى قۇتلاندى (3)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.11.16
germaniye-ikki-jumhuriyet-rabiye-erkin.jpg ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ۋە رابىيە خانىم تەۋەللۇتىنىڭ 70 يىللىقىنى قۇتلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 13-نويابىر، ميۇنخېن.
RFA/Ekrem

ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ۋە رابىيە خانىم تەۋەللۇتىنىڭ 70 يىللىقىنى قۇتلاش پائالىيىتىدە نۇتۇق سۆزلىگەن چەتئەللىكلەر ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىغا يۇقىرى باھالارنى بېرىشتى.

ميۇنخېن شەھىرىدە 13-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ۋە رابىيە خانىم تەۋەللۇتىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە كۆپلىگەن چەتئەللىكلەر سۆزگە تەكلىپ قىلىندى.

بۇلارنىڭ ئارىسىدا گېرمانىيەدىكى خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسى، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە ئوخشاش ھاكىمىيەت بېشىدىكى چوڭ پارتىيىلەرنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ بار ئىدى.

باش شتابى گېرمانىيەدە بولغان «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى سۆزگە تەكلىپ قىلىنغاندا، ئىككى جۇمھۇرىيەتنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، رابىيە خانىمغا ۋە ئۇيغۇر مىللىي مۇجادىلىسىگە يۈكسەك باھالارنى بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «سۆيۈملۈك ئۇيغۇر دوستلار، جۇمھۇرىيەت بايرىمىڭلار قۇتلۇق بولسۇن! مۆھتەرەم رابىيە قادىر، سىزنى رەئىس، لىدەر دەپ ئاتاشتىن، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىنىڭ سىمۋولى بولغان نامىڭىز ۋە ئادىمىيلىك پەزىلىتىڭىزگە كۆرە رابىيە قادىر، دەپ ئاتاشنى بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى سۈپىتىدە تېخىمۇ مۇۋاپىق ھېس قىلىمەن. سىز 90-يىللاردىلا باش كۆتۈرۈپ، ئۆز مىللىتىڭىزنىڭ دەردىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان. تىجارەتتىن سىياسەتكە قەدەم قويدىڭىز. مەنسەپ ۋە پۇل سىزنىڭ مىللىي ھېسسىياتىڭىزغا ھاكىم بولالمىدى. مىللىتىم دەپ تۈرمىدە ياتتىڭىز. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دۇنياغا تونۇتۇش يولىدا تېرىشچانلىق كۆرسەتتىڭىز. 2006-يىلى گېرمانىيەدىكى بىر مەكتەپتە نۇتۇق سۆزلىدىڭىز. ئادەم شۇ قەدەر كۆپ بولسىمۇ، زال ئىچى ھەتتا بىر تال يىڭنە يەرگە چۈشسە ئاڭلانغىدەك دەرىجىدە تىمتاسلىققا چۆمدى. كىشىلەر سىزنىڭ تۈرمە ھاياتىڭىز توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى ئەنە شۇنداق ئىخلاس بىلەن ئاڭلىدى ۋە تەسىرلەندى.»

ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى رابىيە خانىمنىڭ غەرب دۇنياسىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ يەنە شۇلارنى تىلغا ئالدى: «سىز تۈرمىدىن ئازاد بولۇپ ئەركىن دۇنياغا چىققاندىن كېيىن، ئەسلىدە قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلغان بولاتتىڭىز. ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ تېخىمۇ زور قىيىنچىلىقىڭىز غەرب دۇنياسىدا باشلاندى. مەيلى مەتبۇئاتلارغا سۆز قىلغاندا بولسۇن ياكى مىللىي مۇجادىلە بىلەن شۇغۇللانغاندا بولسۇن، ئىنتايىن قېيىن سىناققا دۇچ كەلدىڭىز. ۋەتەندىكى پەرزەنتلىرىڭىزنى ئويلاپ تۇرۇپ ئىش قىلمىسىڭىز، ئېھتىيات قىلمىسىڭىز بولمايتتى. ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى سىزنىڭ ئاغزىڭىزدىن چىققان بىر ئېغىز گەپكە باغلىق ئىدى. يەنە بىر تەرىپىڭىزدە بولسا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى تۇراتتى. ئەمما سىز، مىللىي دەۋا ئۈچۈن ئاخىرى پەرزەنتلىرىڭىزنىمۇ قۇربان قىلدىڭىز. سىز توغرىلىق يېزىلغان كىتاب كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. كىشىلەر سىزنىڭ تەسىرىڭىز ئاستىدا قېلىۋاتىدۇ. سىزگە تېخىمۇ يۈكسەك نەتىجىلەر تىلەيمەن. تەشكىلاتىمىز ۋە ئۆز نامىمدىن سىزنى ھەم ئۇيغۇر مىللىي مۇجادىلىسىنى قوللاشقا ھەر قاچان تەييار ئىكەنلىكىمىزنى تەكرارلاپ ئۆتىمەن!»

ئۇلرىك دېلىيۇستىن كېيىن سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان تىبەتنى ھىمايە قىلىش تەشكىلاتى گېرمانىيە تارمىقىنىڭ رەئىسى ۋولف گاڭ ئەپەندى مۇنۇلارنى تىلغا ئالدى: «ھۆرمەتلىك رابىيە خانىم، مەن سىزنىڭ تەرجىمىھالىڭىزنى ئوقۇپ كۆپ تەسىرلەنگەنلەرنىڭ بىرى. دالاي لاما تىبەتلىكلەر ئۈچۈن قانداق سىمۋول بولسا، سىزمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شۇنداق سىمۋول. سىزنىڭ قانچىلىك جاپاكەش، قەيسەرلىكىڭىزنى پائالىيەتلىرىڭىز كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. دۇنيا جامائىتى خىتاينىڭ ئىنسانىيەتسىزلىكىنى، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە قىلىۋاتقان ھەقسىزلىكلىرىنى سىزگە ئوخشاش خىتاي زۇلۇمىنى بىۋاسىتە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كىشىنىڭ ئېغزىدىن ئاڭلىسا باشقىچە تەسىراتتا بولىدۇ. سىزنىڭ ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر دەۋاسىنى تېخىمۇ يۈكسەك پەللىلەرگە ئېلىپ چىقىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.»

ئارقىدىن سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى گېرمانىيە تارمىقىنىڭ رەئىسى كاي مۈللەر ئەپەندى مۇنداق دېدى: «سۆيۈملۈك ئۇيغۇر دوستلار، مۆھتەرەم رابىيە خانىم، ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە قۇتلۇق بولغان بىر كۈندە مېنى بىرگە بولۇش شەرىپىگە ئېرىشتۈرگىنىڭلار ئۈچۈن كۆپ تەشەككۈرلەر بىلدۈرىمەن. مېنىڭ تېخىمۇ زور بىر رەھمىتىم شۇكى، بۇ سورۇنغا ئىككى تىبەت تەشكىلاتىدىن ۋەكىللەر تەكلىپ قىلىپسىلەر. بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ دەردى شۇ قەدەر ئېغىر ئەھۋالدا تۇرۇپمۇ، تەقدىرداش خەلق بولغان تىبەتلەرگە كۆڭۈل بۆلۈدىكەنسىلەر. بۇ سىلەرنىڭ يۈكسەك بىر پەزىلىتىڭلارنى ۋە ئالاھىدىلىكىڭلارنى نامايان قىلىدۇ. بۇ مېنى كۆپ تەسىرلەندۈردى. ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر خىتاينىڭ غەيرىي ئىنسانىي زۇلۇمىغا، سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ھەر ئىككى مىللەتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە ئەركىن ياشاش ھەق-ھوقۇقى دەپسەندە بولۇۋاتىدۇ. خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە بولغان بېسىم سىياسىتىنىڭ يىلسېرى ئارتىپ بېرىشى، خىتاينىڭ بۇ ئىككى مىللەتتىن قورقۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىتاي بۇ مىللەتلەرنىڭ تىلى، دىنى، ئۆرپ-ئادىتى، مەدەنىيىتىدىكى روشەن پەرقلەردىن قورقۇۋاتىدۇ. بۇ تەرەپلىرىنى يوقاتماي تۇرۇپ، بۇ ئىككى مىللەتكە تاقابىل تۇرغىلى ۋە ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىۋاتىدۇ. خىتايدىن روشەن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان، خىتايغا بولغان تەۋەلىكنى رەت قىلىدىغان ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكلىرىنى خىتاي ئۆزلىرى ئۈچۈن تەھدىت ھېس قىلىۋاتىدۇ. ئەمما، ھەقلىق بولغان ئۇيغۇر ۋە تىبەت مۇجادىلىسىنى خىتاينىڭ چېكىدىن ئاشقان بۇ زۇلۇملىرى يوقىتىش مەقسىتىگە يىتەلمەيدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ خىتايغا قارشى مەيدانى باشقىچە. دۈشمىنى غايەت زور ۋە كۈچلۈك بولسىمۇ، ئۇيغۇرلاردا تەپ تارتىش، قورقۇش، ئەنسىرەش يوق. ھەر تۈرلۈك شەكىللەردە كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. بۇنداق بىر مىللەتنى ھېچكىم بويسۇندۇرالمايدۇ.»

مۈللەر ئەپەندىدىن كېيىن سۆزگە چىققان لۇكىيا خانىم، باش شتابى گوللاندىيەدىكى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى مارىنو ئەپەندىنىڭ سالىمى ۋە تەبرىكلىرىنى يەتكۈزدى. ئۇنىڭ ئارقىدىن ئۇيغۇرچە ناخشا-ئۇسۇللار باشلىنىپ، ئۇيغۇر جامائىتى مۇراسىم سورۇنىدا ئۇسۇللارغا چۈشۈپ كېتىشتى.

رابىيە خانىم بۇ تەنتەنىلىك مۇراسىم خاتىمىسىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ بۇ قەدەر كۆپ ھۆرمەت ۋە مۇكاپاتتىن ھەقىقەتەنمۇ كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىزھار قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.