ئالماتادا «ئىنتىزار» ژۇرنىلىنىڭ نۆۋەتتىكى سانى يورۇق كۆردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016.09.09
intizar-zhurnili-2016.png «ئىنتىزار» ژۇرنىلىنىڭ نۆۋەتتىكى سانى
RFA/Oyghan

يېقىندا ئالماتا شەھىرىدە ئۇيغۇر - خانىم قىزلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك قوش ئايلىق «ئىنتىزار» ژۇرنىلىنىڭ نۆۋەتتىكى سانى يورۇق كۆردى. «مىر» نەشرىيات ئۆيىنىڭ تەسىس قىلىشى بىلەن 2002 - يىلنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدىن باشلاپ نەشر قىلىنىۋاتقان مەزكۇر ژۇرنال يازغۇچى دۈرنەم مەشۈروۋا رەھبەرلىكىدىكى بىر قاتار ناھىيىلىك ئاياللار كېڭىشى رەئىسلىرىدىن، ئاكتىپلاردىن، ئۇستازلاردىن ۋە باشقىلاردىن تەركىپ تاپقان مەسلىھەت كېڭىشى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن.

ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز خىراجىتىگە تايىنىپ نەشر قىلىنىۋاتقان «ئىنتىزار» ژۇرنىلى ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيەلەردە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان يۇرت - جامائەتچىلىك تەرىپىدىنمۇ قوللاپ - قۇۋەتلەنمەكتە ھەم قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇرلارغىمۇ بەرگەن ئەركىنلىكلىرىنىڭ بىر بەلگىسى سۈپىتىدە قارالماقتا. ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، قازاقىستاندا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىپ، ئۇيغۇر تىلىنى، ئەدەبىياتىنى، سەنئىتىنى، مەدەنىيىتىنى، مەتبۇئاتىنى، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ھەم شۇ يۆنىلىشتە ياش ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش ئۈچۈن بارلىق شارائىتلار يارىتىلغان.

«ئالامەت» فىلىم ئىشلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى قەلبىنۇر روزىيېۋانىڭ پىكرىچە، جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى بىلەن بىر قاتاردا «ئىنتىزار» ژۇرنىلىمۇ ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ سۆيۈملۈك نەشرىگە، مىڭلىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ سىردىشىغا، مۇڭدىشىغا ئايلانغان. ق. روزىيېۋا ژۇرنالنىڭ ھەر بىر سانىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان ماتېرىياللارنىڭ مەزمۇن جەھەتتىن خېلىلا بېيىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «ژۇرنالدىكى مەزمۇنى ئۈستۈن، تەربىيەۋىي ئەھمىيىتى زور، بولۇپمۇ خانىم - قىزلىرىمىز ئۈچۈن يېزىلغان ھەر خىل ھېكايە، نەسىر، ھاياتىي ئەسەرلەر، شائىرەلىرىمىزنىڭ قەلىمىگە مەنسۈپ شېئىرىي مىسرالار، ھېكمەتلىك سۆزلەر، پايدىلىق نېسىھەتلەر ژۇرنالنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتسا، ھەر خىل ساھەلەردە خىزمەت قىلىپ، ئادىل مېھنىتى بىلەن شۆھرەت قازانغان خانىم - قىزلىرىمىز ھەققىدىمۇ ژۇرنال سەھىپىلىرىدىن ئوقۇيمىز.»

ق. روزىيېۋا شۇنداقلا ژۇرنالنىڭ بۇ سانىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق بۇلبۇللىرى توغرىلىقمۇ مەلۇماتلارنىڭ بېرىلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسلىرى نۇربۈۋى مەمەتوۋا ھەم گۈلۋىرا رازىيېۋانىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى تۆھپىسىنى يۇقىرى باھالىدى. ئۇ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى سەنەۋەر تۇرسۇننىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ناخشا - كۈي خانىشى ۋە تالانتلىق ئىجراچى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئاجايىپ يېقىملىق ۋە نەپىس ئاۋازى بىلەن مىليونلىغان خەلقنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ق. روزىيېۋا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنە شۇنداق مەشھۇر شەخسلىرىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ مۇقىملىقىنى ئېيتىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ كەبى ماقالىلەرنى ئوقۇغىنىمىزدا، ئانا دىيارىمىزدىن شۇنداق ناخشىچىلار كەلسە، ئۇلارنى سەھنىلەردە كۆرسەك، ئۇلارنىڭ يەتكەن ئۇتۇقلىرى ھەققىدە مەتبۇئات سەھىپىلىرىدىن ئوقۇساق. بولۇپمۇ ئىنتىزار ژۇرنىلى سەھىپىلىرىدە شۇنداق ماقالىلەرنىڭ بېرىلىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتىمىز.»

ئىگىلىشىمىزچە، ژۇرنالنىڭ بۇ سانىدا شۇنداقلا مۇھەممەت يۈسۈپنىڭ «ئىسلام ئەخلاقى»، قايرات جولدىباينىڭ «ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام»، يالقۇن روزىنىڭ «بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟» ناملىق ماقالىلىرى، خالىدە ئابدۇكېرىمنىڭ «ئۈزۈك تىنىقلار» نەسرى شۇنداقلا دولقۇن روزى، ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف، مۇھەممەتئىمىن ئوبۇلقاسىموف ئوخشاش ئاتاقلىق شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى ۋە باشقىلار بېرىلگەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتادا تۇرۇشلۇق نەشرىياتچى ئازنات تالىپوف «ئىنتىزار" ژۇرنالىدا ئەدەب - ئەخلاق، بالا تەربىيىسى، بولۇپمۇ مىللەتنىڭ مىللەت سۈپىتىدە ساقلىنىپ قېلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان مىللىي مائارىپ ھەققىدە ماقالىلەرنىڭ تۇراقلىق بېرىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «قۇدرەت تاپقان مەملىكەتلەردە قانداق ئانا بولسا، شۇنداق بالا بولىدۇ، قانداق بالا بولسا، شۇنداق مىللەت بولىدۇ، دېگەن شۇئارغا قاتتىق ئەمەل قىلىدىكەن. بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرەتسە، بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرىتىدىغان ئانىلار زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىنىڭ مۇھىملىقىنى، مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ئانىلار ساپاسىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدىغان ماقالىلەر ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنماقتا.»

ئا. تالىپوفنىڭ پىكرىچە، ژۇرنالدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى، سەنئىتىگە تېگىشلىك ماقالىلەرنىڭ ئورۇن ئېلىشى ئۇنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، تەسىر دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتكەن. ئۇ شۇنداقلا ژۇرنالنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىدىغان نەشرگە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى، ئون بەش يىل داۋامىدا ژۇرنال خادىملىرىنىڭ جانپىدالىق ئەمگىكى ئارقىسىدا بېسىلىۋاتقان ماتېرىياللارنىڭ ياش ئەۋلادنى مىللىي روھتا تەربىيىلەشتە مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.