ئىستانبۇلدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىككى لېكسىيە بېرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.05.28
istanbul-eyup-anotoliye-ottura-mektep-dokilat.jpg ئەيۇپ ئاناتولىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات
RFA/Erkin Tarim


ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ مۇھىم مەركىزىي ۋە تارىخىي رايونلىرىدىن بىرى بولغان ئەيۇپ رايونىغا جايلاشقان ئەيۇپ ئاناتولىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە 27 - ماي كۈنى ئارقا - ئارقىدىن ئىككى قېتىم «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەلىپى، مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ياشلار ۋەخپى بىلەن ھاملە ئۇيۇشمىسىنىڭ قوللىشى بىلەن 2016 - يىلى 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى سائەت ئون بىردىن چۈشتىن كېيىن ئىككىگىچە ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتكە ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ جەمئىي 400 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى.

مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى، تەتقىقاتچى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى» تېمىسىدا دوكلات بەرگەن. ئۇ، دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى سىياسىي، ئىقتىسادىي، مائارىپ ۋە دىنىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاڭلاتقان دوكلاتىدا ئالدى بىلەن خەرىتە ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى، يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، ياش ئوقۇغۇچىلارنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەشكە چاقىردى.

يىغىن ئاخىرىدا ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى ئوقۇغۇچىلارغا ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىر ئەپەندى يازغان «ئەركىنلىك ئىستىگەن ئانا رابىيە قادىر» ناملىق كىتابنى تارقىتىپ بەردى.

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئەيۇپ ئاناتولىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇغۇچىلار باشلىقى گىزەم دىك زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا يېڭى مەلۇماتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

گىزەم دىك خانىم بۇندىن كېيىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىزچىل ھالدا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

كېيىنكى يىللاردا تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، ئەنقەرە، قەيسەرى ۋە ئاداناغا ئوخشاش چوڭ شەھەرلىرىدە پەقەتلا ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىمۇ دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.