يېرىم ئەسىرلىك تارىخنى باشتىن كەچۈرگەن ئىتتىپاق تىياتىرخانىسى تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىكى ئاددىيلىقى بىلەن ئادەتتە ئانچە كۆزگە چېلىقىپ كەتمىسىمۇ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قەلب تۆرىدىكى مەنىۋى ئورنىنىڭ تۆۋەن ئەمەسلىكى مەزكۇر تىياتىرخانا چېقىلغاندىن كېيىن تولۇق نامايان بولدى. ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالغان تېلېفون قىسقا ئۇچۇرلىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «يېرىم ئەسىرلىك يادنامە ‹ ئۈرۈمچى ئىتتىپاق تىياتىرخانىسى› تۈنۈگۈن (2015-يىلى 27-ئۆكتەبىر) چېقىلىپ، ئۈرۈمچى تارىخ بېتىگە يېزىلىپ قالدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئاپامنىڭ كۆڭلى بۇزۇلدى، ئاپام دەيدۇ، مەن تۇغۇلسام باركەنتۇق، دەپ. ‹غۇنچەم› درامىلىرىنى مۇشۇ يەردە كۆرگەنتىم، دەيدۇ.»
تور بەتلەردىكى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تىياتىرخانا چېقىلىپ كەتكەنگە قەدەر ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارغا تولىمۇ تونۇشلۇق بولغان بىر سۆيۈملۈك ماكان سۈپىتىدە مەۋجۇت بولغان. شۇنداقلا، مۇشۇ يەردە ئوينالغان ئۇيغۇرچە درامىلار، ئۇيغۇرچە فىلىملار ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ، ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىغا ئۆچمەس زوق ئاتا قىلغان. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئىگىلەپ بېقىش ئۈچۈن ئىتتىپاق تىياتىرخانىسىنىڭ تور ئادرېسىدىكى ئالاقىلىشىش نومۇرىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفون ئالىدىغان ئادەم بولمىغاچقا 114 لىنىيىسى ئارقىلىق سۈرۈشتۈردۇق ۋە شۇلاردىن بۇ تىياتىرخانىنىڭ مۇلازىمەتتىن توختىغانلىقىغا خېلى ۋاقىت بولغانلىقىنى، يەنە بىرنەچچە ئايدىن كېيىن مۇلازىمەت ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئاڭلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىز بۇ ھەقتە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى ئىگىلەپ بېقىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇ خەۋەرنى تېخى ئاڭلىمىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ھەممەيلەن بۇ ئىشتىن تولىمۇ ھەيرانلىق ۋە ئەپسۇسلۇق ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن مەردان دەسلەپ بولۇپ ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئەينى يىللىرى ئىتتىپاق تىياتىرخانىسىدا ئوينالغان تىياتىرلاردىن ھۇزۇرلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن زەيتۇنە خانىممۇ ئىتتىپاق تىياتىرىغا ئانچە يىراق بولمىغان مەھەللىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچى ۋاقىتلىرىدا يەنە بۇ تىياتىرخانىدا تىياتىر كۆرۈشتىن باشقا، بۇ يەردە ئېچىلغان ئەڭ دەسلەپكى ئۇيغۇر كەچلىك بازىرىدا سېتىلىدىغان ئۇيغۇرچە يېمەك-ئىچمەكلەردىن نەقەدەر ھۇزۇرلانغانلىقىنى ئەسلەيدۇ.
ئۇيغۇرلار دىيارى بىلەن تاشقى دۇنيا ئارىسىدىكى ئالاقە تېخى ئانچە بەك ئېچىلىپ كەتمىگەن 1980-يىللىرى ئىتتىپاق تىياتىرىنىڭ ئۆزىگە خاس رەۋىشتە ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىگە يېڭى چۈشەنچە، يېڭى مەدەنىيەت ئېلېمېنتلىرىنى ئېلىپ كىرىشتە كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن رىشات ئەپەندى مەزكۇر ئىمارەت چېقىلغاندىن كۆرە ساقلاپ قېلىنغان بولسا ياخشىراق بولار ئىدى، دەپ قارايدۇ.
28-ئۆكتەبىر (چارشەنبە) چۈش سائەت 12دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە يوللانغان بىر تېلېفون ئۇچۇرىدا كىشىنىڭ كۆڭلىنى تولىمۇ يېرىم قىلىدىغان مۇنداق بىر ئابزاس بار: «27-ئۆكتەبىر بىزگە يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ھەمراھ بولۇپ كەلگەن، ئاتا-ئانىلىرىمىزغا ۋە بوۋىلىرىمىزغا خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەن ئىتتىپاق تىياتىرخانىسى چېقىلدى. نەق مەيداندا نۇرغۇن چوڭلارنىڭ كۆڭلى بۇزۇلدى، ھەتتا كۆڭلى يېرىم بولۇپ ياش تۆككەن بوۋاي-مومايلارمۇ كۆرۈلدى. ئۆزلىرىنىڭ كىچىكىدىن باشلاپلا مۇشۇ تىياتىرخانىدا دراما، ناخشا-ئۇسۇل، كىنو كۆرۈپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىشتى... ئىتتىپاق تىياتىرخانىسى ھەممىمىزنىڭ گۈزەل ئەسلىمىسى بولۇپ قالغۇسى...»