ماقالە: ماجۇڭيىڭنىڭ مەسلىھەتچىسى تۈركىيىلىك كامال ئەپەندى، ئوسمانلى شاھزادىسى ئابدۇلكەرىممۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2013-10-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇشبۇ ماقالىنىڭ بىرىنچى بېتى
ئۇشبۇ ماقالىنىڭ بىرىنچى بېتى
RFA/Qutluq


ياپونىيەلىك يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتچىسى سېكىئوكا ھىدېيۇكى ئۆزىنىڭ «ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنى قايتا قۇرۇش پىلانى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىنى شودەنشا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان تارىخ تەتقىقات ماقالىلىرى توپلىمىغا كىرگۈزگەن.

ئاپتور ماقالىسىدە، ماجۇڭيىڭ قوشۇنىدىكى تۈركىيىلىك كامال ئەپەندى،ئەسلى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ شاھزادىسى ئابدۇلكەرىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ بىر قاتار تارىخىي ئىسپاتلىرىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتچىسى ھىدېيۇكى ماقالىسىدە مۇنداق بايان قىلغان: جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ تارىخىي ھۆججەت ۋە ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن 2000 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن جۇڭگو تىلىدا نەشر قىلىنغان «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىسلام تارىخى» ناملىق ئىككى قىسىملىق تارىخىي ماتېرىياللار كىتابىدا مۇنداق بىر قىزىقارلىق ماقالە بار بولۇپ ماقالىدە، «ياپونىيە شەرقىي تۈركسىتاندا مانجۇرىيىگە ئوخشاش بىر قورچاق دۆلەت قۇرماقچى بولغان ۋە ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقىي شاھزادىسى ئەمىر مۇھەممەد ئابدۇلنى پادىشاھ قىلماقچى بولغان» دېيىلگەن. ئەمما ماقالە ئىسپاتلىق يېزىلمىغان. ئەمەليەتتە ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ 34 - ۋە ئاخىرقى شاھزادىسى، ئابدۇلھەمىد نىڭ نەۋرىسى ئابدۇلكەرىمدۇر. تارىخچى ساكاموتو كىموتو تەرىپىدىن 2008 - يىلى نەشر قىلدۇرۇلغان «ياپون - جۇڭگو ئۇرۇشى ۋە ئىسلام» ناملىق كىتابتا، ئابدۇلكەرىم 1906 - يىلى ئىستانبۇلدا خان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئوسمان ئىمپېرىيىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن چەتئەلگە چىقىپ پاناھلانغان. ئۇ، 1933 - يىلى 5 - ئايدا ياپونىيىنىڭ «ناپولىيونى» دەپ ئاتالغان سىياسىيونى ۋە شۇنداقلا پارلامېنت ئەزاسى مورى كاكو تەرىپىدىن بارلىق ئىقتىسادىي تەرەپلەر ئۆز ئۈستىگە ئېلىنىپ ياپونىيەگە تەكلىپ قىلىنغان. ئۇندىن باشقا تارىخ تەتقىقاتچىلىرىدىن تاناكا ھىرومىنىڭ «ياپونىيە ئابدۇلكەرىمنى شىنجاڭغا پادىشاھ قىلماقچى» ناملىق ماقالىسىدە، ئابدۇلكەرىمنى ياپونىيەگە زىيارەتكە تەكلىپ قىلغان يالغۇز مورى كاكولا ئەمەس، بەلكى قۇربان غالى ۋە شۇ چاغدىكى ياپونىيە باش ۋەزىرى ھىرانۇما كەئىئىچىرونىڭ كاتىبى جىسۇكاۋا توكىجىرو ۋە دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرى ئوگاساۋارا ناگا نارىمۇ بار ئىدى. دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرى ئوگاساۋارا بولسا ياپونىيە خان ئائىلىسىدىن بولۇپ، ئۇ، خان ئائىلىسىنىڭ تۆتىنچى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئىدى. شوۋا تىئەننو شاھزادە ۋاقتىدا ئۇ خان ئوردىسىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى ئىدى. ھازىرغىچە ياپونىيىنىڭ شۇ چاغدىكى شاھزادىسى شوۋا تىئەننو بىلەن ئابدۇلكەرىم شاھزادىنىڭ ئۇچراشقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق دېيىلگەن.

ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتچىسى ھىدېيۇكى ياپونىيە شاھزادىسى شوۋا تىئەننو بىلەن شاھزادە ئابدۇلكەرىمنىڭ ئۇچراشقانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان: ياپونىيە شاھزادىسى بىلەن ئابدۇلكەرىم شاھزادە چوقۇم ئۇچراشقان. چۈنكى ئابدۇلكەرىم شاھزادىنى تەكلىپ قىلغانلار قاتارىدا خان ئائىلىسىدىن بولغان ۋە شۇنداقلا خان ئائىلىسىنىڭ تۆتىنچى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئوگاساۋارامۇ بار بولغاچقا، شۇنداق دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.

ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتچىسى ھىدېيۇكى ماقالىسىدە، ئابدۇلكەرىم شاھزادىنىڭ ياپونىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە بۇنداق بايان قىلغان، ئابدۇلكەرىمنىڭ ياپونىيەنى زىيارەت قىلىشى پۈتكۈل دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى. سوۋېت ئىتتىپاقى : «ياپونىيە ئابدۇلكەرىمنى شەرقىي تۈركىستانغا پادىشاھ قىلماقچى. يېڭى دۆلەت قۇرۇپ ياپونىيە ئۆزى كونترول قىلماقچى» دەپ خەۋەر ئېلان قىلدى. ئابدۇلكەرىم ياپونىيەدە بىر يىل تۇرۇشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئەمما پەقەتلا تۆت ئاي تۇرۇپ شاڭخەيگە كەتتى. شاھزادە ئابدۇلكەرىم ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسىنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ بۇ جۇمھۇرىيەتكە رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ھەققىدىمۇ بەزىبىر ئېنىقسىز مەلۇماتلار بار.

 ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى سەكىئوكا ھىدەيۇكى ئەپەندىم RFA مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىدە
ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى سەكىئوكا ھىدەيۇكى ئەپەندىم RFA مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىدە Photo: RFA

ئاپتور ماقالىسىدە شىۋېتسىيىلىك ئېكىسپىدېتچى سۋېن ھېدىن يازغان «قاچقۇن مازھۇڭيىڭ» دېگەن كىتابتىن ئالغان بەزى ئۇچۇرلارنىمۇ ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئىسپاتلاشتا پاكىت ئورنىدا ئوتتۇرىغا قويغان.

ئاپتور سۋېن ھېدىننىڭ كىتابىدىن ئالغان بۇ مەلۇماتلارنى مۇنداق بايان قىلغان، سۋېن ھېدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇرپان شەھىرىدىكى ۋاقتىدا يەنى 1934 - يىلى 2 - ئايدا گېنېرال ماجۇڭيىڭ ئۆز قوشۇنىدىكى تۈركىيىلىك كامال ئەپەندىنى موسكۋاغا ئەلچىلىككە ئەۋەتمەكچى بولغان. لېكىن، كامال ئەپەندى بۇنى رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ماجۇڭيىڭنىڭ موسكۋاغا ئەلچى ئەۋەتىش پىلانى ئەمەلگە ئاشمىغان. كامال ئەپەندى بولسا تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇلدىن كەلگەن، ماجۇڭيىڭنىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇپ گەنسۇدا تۇرغان.

ئاپتور ماقالىسىدە يۇقىرىقى مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ مۇنداق بايان قىلغان، ماجۇڭيىڭ قوشۇنىدىكى كامال ئەفەندىنىڭ ئابدۇلكەرىم شاھزادە بولۇشى ئېھتىمالىققا يېقىن. لېكىن بۇنىڭغا تولۇق ئىسپات يوق. 1993 - يىلى 9 - ئايدا ئابدۇلكەرىم ياپونىيەدىن ئايرىلىپ جۇڭگونىڭ شاڭخەي شەھىرىگە بارغان ۋە ئۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرغان. 1934 - يىلى 6 - ئايدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ماجۇڭيىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. ئابدۇلكەرىم شۇ يىلى 9 - ئايدا جۇڭگودىن ئايرىلىپ ئامېرىكىغا كەتكەن. ئابدۇلكەرىم 1935 - يىلى 8 - ئايدا نيۇيوركتا بىر مېھمانخانىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

ھىدېيۇكى ئەپەندىمزىيارىتىمىزنى قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

- مېنىڭچە ئىككى ئىسىمنىڭ ئوخشاش بولۇشى ۋە شۇنداقلا شۇ چاغدا تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يوق بولۇشى ئېھتىماللىقىغا قاراپ ھۆكۈم قىلدىم. ئەمما بۇنى تولۇق ئىسپاتلاشقا يىتەرلىك ماتېرىيال يوق. بۇ پروگراممىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن بەلكىم بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى باشقىلار بىزگە كۆرسەتسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

ئەمما، تۈركىيە ھاجى تېپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئۆزىنىڭ باشقىچە قاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت