«لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى» نىڭ كونسېرتىدا ئەلىشىر ناۋايى ئەسەرلىرى تونۇشتۇرۇلغان

0:00 / 0:00

20-سېنتەبىر كۈنى ئەنگلىيەدىكى «لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى» لوندون شەھىرىدە مەخسۇس ئويۇن قويغان بولۇپ، تونۇلغان ئۇيغۇر شائىرى ئەلىشىر ناۋايىنى تونۇشتۇرغان. كونسېرت تاماشىبىنلارنىڭ يۇقىرى باھاسى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

«لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى» دىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رەھىمە مەخمۇت خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بۇنداق بىر پەيتتە، 15-ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ داڭلىق ۋەكىلى، ئۇيغۇر كلاسسىك شائىرى ۋە دۆلەت ئەربابى ئەلىشىر ناۋايىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، «لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى» قۇرۇلغاندىن بۇيان ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆپ قېتىم سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىپ، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنى تونۇشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرماقتا. رەھىمە مەخمۇت خانىم، بۇ قېتىمقى كونسېرتنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى، بۇرۇنقى كونسېرتلاردا پەقەت ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى ئورۇنلىغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى كونسېرتتا بولسا ئۇيغۇر، ئۆزبېك ۋە ئىرانلىقلار بىرلىكتە ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەلىشىر ناۋايىنىڭ شېئىرلىرى 5 ئەسىردىن بۇيان ئۇيغۇر، ئۆزبېك ۋە ئىران خەلقلىرىنىڭ مۇقام تېكىستلىرىدە ئوقۇلۇپ كەلمەكتە. رەھىمە مەخمۇت خانىم، بۇ قېتىملىق كونسېرتتا ئۇيغۇر مۇقامنى ئىجرا قىلىشتىن بۇرۇن، ئەلىشىر ناۋايىنىڭ شېئىرلىرى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، تاماشىبىنلارغا ئوقۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كونسېرت پائالىيىتىگە كۆپ ساندا تەتقىقاتچى ۋە سەنئەتخۇمارلار شۇنداقلا لوندوندىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىق مۇھاجىرلار قاتناشقان ئىكەن.

«چېگرا ئاتلىغان مەدەنىيەت ۋە مۇزىكا» ناملىق بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا-ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى راچېل خانىم ئەلىشىر ناۋايى تونۇشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەتنى لوندوندىكى ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئىرانلىقلارنىڭ قىزىقىپ كۆرگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەت ئەنگلىيەدە خەلق ئاممىسى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش ئۈچۈن بەك ياخشى بىر مۇنبەر بولدى. مېنىڭچە، بۇ پائالىيەتتىن خەلق خۇشال بولدى، بولۇپمۇ لوندوندا ياشاۋاتقان ئىرانلىقلار بەك خۇشال بولدى ۋە قىزىقىپ كۆردى. لوندون خەلقى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ تارىخىي ۋە ئىسلامى مەدەنىيەتلىرىگە بەك قىزىقىدۇ، دەپ قارايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلىگەن ئىرانلىق تاماشىبىنلار بۇنىڭغا قىزىقتى. يەنى ‹چېگرا ھالقىغان مەدەنىيەت ۋە مۇزىكا› دېگەن پائالىيەتنى بەك قىزىقىپ كۆردى.»

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى 2004-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۈگۈنگىچە 40 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن قويغان ئىكەن.