ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى: «قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمىزنى قوغداش ۋە ساقلاش ئۇنى ئېچىشتىن مۇھىم»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015.01.15
qurban-weli.jpg قۇربان ۋەلى ئەپەندى بۇداپېشتتا ئېچىلغان «دۇنيا ھون قۇرۇلتىيى» دا. 2010-يىلى.
RFA/Qutlan

خىتاي دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى 2015- يىلىنى «يىپەك يولى ساياھەت يىلى» قىلىپ بېكىتتى، ئەلۋەتتە يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت دەپ ئاتالغان ئۆزگىچە، قەدىمىي مەدەنىيەت، ئەنئەنىلەر ساقلانغان ئۇيغۇر دىيارى بولسا، دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان ئاساسلىق ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

يېقىنقى يىللاردا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ساياھەتچىلىك كەسپىنى كەڭ تۈردە ئېچىپ راۋاجلاندۇرۇشى ئارقىسىدا، قوغداشقا تېگىشلىك جايلاردىنمۇ ساياھەت بايلىقى سۈپىتىدە پايدىلىنىش ئەۋج ئالدى ۋە بۇ قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا رىقابەت ياراتماقتا.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان «ئۇيغۇر قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ياكى يوقىتىلىشى قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ؟» دېگەن مەسىلە ھەققىدە، ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەردىن تارىم مەدەنىيەت تارىخى ھەققىدە ئامېرىكىدا تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى ئەپەندىنى سۆھبەتكە تەكلىپ قىلدۇق، نۆۋەتتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلغايسىز.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.