ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز گېرمانىيە پادىشاھلىق سارىيىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.09.17
merwayit-hapiz-2018-resim-korgezmisi.jpg ياۋروپادىكى ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ گېرمانىيە ميۇنخېن شەھىرىدىكى پادىشاھلىق سارىيىنىڭ ھويلىسىدىكى بىر كۆرگەزمىخانىدا ئۆتكۈزگەن رەسىم كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى سېنتەبىر.
RFA/Erkin Tarim

ياۋروپادىكى ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى پادىشاھلىق سارىيىنىڭ ھويلىسىدىكى بىر كۆرگەزمىخانىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچتى.

مەزكۇر رەسىم كۆرگەزمىسى 9-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، كۆرگەزمىدە 2 گېرمان رەسسامنىڭ رەسىملىرى بىلەن ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ 28 پارچە ماي بوياق رەسىمى قويۇلغان. مەزكۇر 28 پارچە رەسىمدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى، تارىخى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم 22 يىلدىن بۇيان ياۋروپادا رەسىم ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، كەسپىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى ۋە تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە ماي بوياق رەسىملىرىنى سىزىشتا ياۋروپادا كۆزگە كۆرۈنگەن ئىكەن.

بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، گېرمانىيەدە تۇرۇۋاتقان تونۇلغان رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم ۋە ئۇنىڭ ميۇنخېندا ئۆتكۈزگەن رەسىم كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

تۆت كۈندىن بېرى ميۇنخېندا مەخسۇس رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئېچىۋاتقان رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىسى ئېچىلغان جاي ساياھەت رايونى بولغاچقا نۇرغۇن كىشىنىڭ بۇنى ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىگە قويغان 28 پارچە رەسىمىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە تارىخىي ئەنئەنىلىرى ئىنچىكىلىك بىلەن تەسۋىرلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. 6 كۈن داۋاملاشقان بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىگە يەرلىك نېمىسلاردىن (گېرمانلاردىن) سىرت يەنە چەتئەللىك ساياھەتچىلەر ۋە گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلغان. ئۇلار رەسىملەرنى كۆرگەندىن كېيىنكى ئۆزلىرىنىڭ بىۋاسىتە ھېس-تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىشتى. گېرمانىيەدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خادىملىرىدىن شەھرىزات غەيرەت خانىم، مەرۋايىت ھاپىز خانىم سىزغان رەسىملەرنى كۆرۈپ بەكلا تەسىرلەنگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىدىن پەخىرلەنگەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر رەسىم سېتىۋالغانلىقىنى، بايان قىلىپ ئۆتتى.

بۈگۈن، يەنى 17-سېنتەبىر كۈنى ميۇنخېندىكى رەسىم كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلغۇچىلار ئىچىدە ئۇيغۇر پائالىيەتچى دىلنار خەزنەچى خانىممۇ بار بولۇپ، ئۇ مەزكۇر كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتقانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سوئاللار سورىغانلىقىنى، مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ 22 يىلدىن بېرى گېرمانىيەدە رەسىم سەنئىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تونۇلغان سەنئەتچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

مەرۋايىت ھاپىز خانىم 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە 23 گېرمان رەسسام بىلەن بىرلىكتە رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچقان بولۇپ، بۇنى كۆپ ساندا كىشى ئېكسكۇرسىيە قىلغان. كۆرگەزمە جەريانىدا ئۆزى باستۇرغان رەسىم كاتالوگىنىمۇ ساتقان. ئۇ، 23-سېنتەبىر كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆزىنىڭ مەخسۇس رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئاچىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.