مەرھۇم يازغۇچى مۇھەممەت باغراشنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنى ۋە تەسىرى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013.12.05
resim-305.png مەرھۇم يازغۇچى مۇھەممەت باغراش
Photo: RFA


مۇھەممەت باغراش ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن ئەسەرلىرى سۆيۈپ ئوقۇلغان يازغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن يەنە بىر يوقىتىشتىن دېرەك بەرمەكتە.

مۇھەممەت باغراشنىڭ 1980 - ۋە 1990 - يىللاردا ئېلان قىلغان ئىزدىنىش روھىغا باي ھېكايە - پوۋېستلىرى ئۇيغۇر يېڭى پىروزىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم روللارنى ئوينىغان. ئۇنىڭ 80 - يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلان قىلغان «سەبداش»، «ساۋاپ» قاتارلىق دەسلەپكى ھېكايىلىرى ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا خېلى زور تەسىرلەرنى قوزغىغان. بۇ ھېكايىلەر ئۆز دەۋرىدە ئورتا مەكتەپلەرنىڭ تىل - ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلگەن. 1986 - يىلى باغراش «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ سىناق سانىدا «مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارچۇقىدا قېتىپ قالغان سۈرەت» ناملىق پوۋېستىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئەسەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇر يېڭى پروزىچىلىقىدا ئىجادىيەت جەھەتتىكى زور تارتىشمىلارغا سەۋەب بولغان. 1980 - يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن 1990 - يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان جەرياندا ئۇ زور تۈركۈمدىكى ئەسەرلىرىنى ئوقۇرمەنلەر دىققىتىگە سۇنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە «ئاقساق بۇغا»، «تۆت قۇلاق»، «ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى»، «جەزىرە»، «يۈرەكتاغ» قاتارلىق ھېكايە، پوۋېستلىرى مۇھىم ئورۇن تۇتقان.

مەرھۇمنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى، ئەسەرلىرى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى ھەققىدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن شائىر ئەخمەتجان ئوسمان پىكىر بايان قىلدى.

ئۇ مەرھۇم يازغۇچى مۇھەممەت باغراشنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە 1980 - يىللار بىلەن 1990 - يىللار ئوتتۇرىسىدىكى دەۋر سىزىقىنى پاسىل قىلىپ باھا بەردى. باغراشنىڭ ئەينى دەۋردە ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي يازغۇچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي پروزىچىلىقىنى 1980 - يىللاردىكى دەۋر دولقۇنلىرىدا يېڭى بىر سەھىپىگە باشلاپ كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

شائىر ئەخمەتجان ئوسمان يازغۇچى باغراشنىڭ ئەسەرلىرى ئۈستىدە توختالغىنىدا، ئۇنىڭ ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدىكى يەككە قاتلاملىق مۇھىتنى كۆپ قاتلاملىق مۇھىتقا يۈزلەندۈرگەنلىكىنى، بولۇپمۇ پېرسۇناژلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئېچىپ بېرىشتە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

ئۇ ئاخىرىدا يازغۇچى باغراشنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئەگەردە ھازىر ياكى كەلگۈسىدە بۈگۈنكى ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنىڭ تارىخىنى قايتا يېزىش توغرا كەلسە، ئۇيغۇر يېڭى پروزىچىلىقى بابى ئېنىقكى يازغۇچى مۇھەممەت باغراشنىڭ ئىزدىنىش خاراكتېرلىك ھېكايە - پوۋېستلىرى بىلەن باشلىنىدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.