رۇسىيەلىك داڭلىق ئۇيغۇر ناخشىچى مۇرات ناسىروف ئانا يۇرتىغا قايتىپ كېلىشنى ئارزۇ قىلغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2014.04.16
murat-nasirof-305.png مۇرات ناسىروف
Public Domain

مەلۇمكى، ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 21-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رۇسىيە مۇزىكا ھەم ناخشا سەنئىتىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن شەخسلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر پەرزەنتى مۇرات ناسىروفتۇر.

مۇرات ناسىروف 1969-يىلى ئالماتا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى 1962-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن، ئانىسى خاتىرەم ئۇزۇن يىللار پلاستماس بۇيۇملىرى زاۋۇتىدا، دادىسى ئىسمائىل بولسا، تاكسىچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ شۇنداقلا سازەندە ۋە ناخشىچىمۇ بولغان. مۇرات ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئەسكەرلىك بۇرچىنى ئاتقۇرۇپ كېلىپ، موسكۋادىكى گنېسىن مۇزىكا مەكتىپىدە بىلىم ئالدى. 1991-يىلى يالتا شەھىرىدە ئۆتكەن سەنئەت مۇسابىقىسىدە باش مۇكاپاتقا مۇيەسسەر بولۇپ، ئاتاقلىق رۇس سەنئەتچىلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ناخشا ئىجات قىلىش ۋە ئىجرا قىلىشتا ئۇ يەنە كۆپلىگەن ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن، رۇس تىلىدىكى توپلاملىرىدىن تاشقىرى يەنە ئۇنىڭ 2004-يىلى ئۇيغۇر تىلىدا «قالدىم يالغۇز» ناخشىلار توپلىمى يورۇققا چىقتى.

مۇرات ئائىلىنىڭ ئەڭ كەنجىسى بولۇپ، ئۇنىڭ نىجات ۋە رىشات دېگەن ئىككى ئاكىسى، پەرىدەم ۋە مارىتا دېگەن ئىككى ھەدىسى بار.

تالانتلىق ناخشىچى مۇرات ناسىروف 2007-يىلى 20-يانۋاردا موسكۋادا پاجىئەلىك ۋاپات بولدى. ئۇ ئالماتانىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدە دەپن قىلىندى. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە كۆپلىگەن ماقالىلەر يېزىلدى، خاتىرە مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلدى.

بىز مۇرات ناسىروفنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق چاغلىرى ھەققىدە ئۇنىڭ ئانىسى خاتىرەم ناسىروۋا ۋە چوڭ ئانىسى بەدىگۈل ھاجىيېۋا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق:
‏-مۇراتنىڭ ناخشىچى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى بايقىدىڭلارمۇ؟ مەكتەپتە قانداق ئوقۇغان ئىدى؟

ئانىسى خاتىرەم: ‏-ئۇنى ناخشىچى بولىدۇ دەپ ئويلاپمۇ باقماپتۇق. كىچىك ۋاقتىدا ئاشخانىدا ئىش قىلغاندا ئۈستەلگە داسقان سېلىپ قويسام، چۆمۈچ بولامدۇ، كەپكۈر بولامدۇ، شۇلارنى جاراڭلىتىپ ئويناتتى، ھېچقانداق ئويۇنچۇقمۇ ئوينىمايتتى. ئوقۇشتا ياخشى، بولۇپمۇ ھېسابتا كۈچلۈك ئىدى. ئامما ئۇنىڭ ئوقۇشتا چېكىنىپ قالغىنىنىڭ سەۋەبى 1987-يىلى نويابىردا ئۇ ئارمىيىگە كەتتى.

چوڭ ئانىسى بەدىگۈل:‏-ئەسلى مۇراتنىڭ ئۇستىخىنىدا بار، دادىسى ئىسمائىل ھەم ناخشىچى، ھەم سازەندە ئىدى. ئۇ ھەربىي رايوندا كورپۇسنىڭ ناخشىچىسى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇرات دادىغا تارتقان ھەم قېنىدا بار. ئەمما مۇرات پەقەت ناخشىچىلا ئەمەس، پەندىمۇ، ئوقۇشتىمۇ ئەلاچى بولغان. ئۇ ھېسابتا كۈچلۈك بولغاچقا باشقا پەنلەردىمۇ كۈچلۈك بولدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا مۇرات بىر ئاز چۈشۈپ قالدى.

‏-ھەربىي سەپتە خىزمەت قىلىۋاتقان چاغلىرىدا سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغانمۇ؟

ئانىسى خاتىرەم: ‏-ئارمىيىگە كېتىپ، ئۇ يەردىمۇ بىر ئىش بىلەنلا شۇغۇللانمايدىغۇ. ئۆزى بىر بۇلۇڭغا كىرىۋېلىپ، ئىلھام كېلىپ قالغان چاغلىرىدا ياغاچنى نە گىتارا، نە تەمبىرگە ئوخشىتىپ چېلىپ، ناخشا ئېيتاتتىكەن. ئۇ ياق، بۇ ياققا ماڭغان باشلىقلىرى بۇنى كۆرۈپ، بۇ بالىدا بىر تالانتنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. ئۇلار مۇراتتىن ناخشا ئېيتىشنى ياكى ساز چېلىشنى بىلەمسەن، دەپ سورىغىنىدا ئۇ «ئەلۋەتتە بىلىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن ئېكەن ھەم سورىغانلىرىنى ئورۇنلاپ بەرگەن. مۇرات كىچىك ۋاقتىدا دادىسى ئىسمائىل بىلەن مەشرەپ ئوينىغانلىرىمىزدا يېنىمىزغا كىرىپ ئولتۇرۇۋالاتتى ھەم دادىسىنىڭ ئېيتقان ناخشىلىرىنى تىڭشاتتى. بەزىدە دادىسىغا دۇتار ياكى ئىسكىرىپكا چالىمەن دەپ يالۋۇراتتى. مەكتەپكە بېرىشتىن ئىلگىرىمۇ، مەكتەپتىمۇ گىتار ئوينىغان ھەم ناخشىمۇ ئېيتقان. مەكتەپ سەنئەت گۇرۇپپىسىنىڭ ناخشىچىسى ئىدى. ئارمىيىگە بارغاندا ئەنە شۇ مەكتەپتىكى مەلۇماتلىرىنى باشلىقلىرى كۆرگەن. ئۇ ئارمىيەدە «گولۇبىيې بېرېتى» گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان.

‏-ئارمىيىدىن كېلىپ نېمە بىلەن شۇغۇللاندى؟

ئانىسى خاتىرەم: ‏-ئارمىيىدىن ئالماتاغا قايتىپ كەلدى. ئاندىن ئوقۇشقا چۈشىمەن دەپ موسكۋاغا كەتتى. ئوقۇشقا چۈشۈپ، قاراۋۇل بولۇپ ئىشلىدى، كوچا سۈپۈردى، قاچا-قومۇچ يۇيدى. شۇنداق قىلىپ، بەش يىل ئوقۇدى. بىر يىلدىن كېيىنلا ئۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، بىرىنچىلىكنى ئالدى. ئۈچ يىلدىن كېيىن بالىلىق بولدى. 1997-يىلى ئوقۇشنى تاماملىدى، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاتىقى چىقىشقا باشلىدى.

‏-يۇرتىغا قايتىپ كېلىدىغان ئويى بولغانمۇ؟

ئانىسى خاتىرەم: ‏-قايتىپ كېلىدىغان ئويى بار ئىدى. 2000-يىلى ئوغلى تۇغۇلغاندا يولدىشىم بىلەن موسكۋاغا ئېتىنى قويىدىغانغا بارغان ئىدۇق. يولدىشىم بىر ئاز تۇرۇپ، بۇ يەردىكى شارائىتقا كۆنەلمەي كېتىپ قالدى، مەن بولسام قىرىق سۈيىنى قۇيۇپ، قايتىپ كەلدىم. ئېتىنى ھاكىم دەپ قويدۇق. ئۇلار خۇش بولۇپ قالدى. مۇرات ئۆزىمۇ كېلىپ ‏-كېتىپ يۈرەتتى. 2003-يىلى يولدىشىم تۈگەپ كەتتى. شۇ ۋاقىتتا ئۇلار بالا-چاقىسى بىلەن كېلىپ، بىر ھەپتە تۇرۇپ كەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.