ئىستانبۇلدا تۈرك دۇنياسى نورۇز بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

21-مارت شەنبە كۈنى، ئىستانبۇل ۋالىي مەھكىمىسى، ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىدارىلىرىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تۈرك دۇنياسى نورۇز بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

زەيتىنبۇرنۇ مەدەنىيەت-سەنئەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتنى خەلقئارالىق تۈرك كۈلتۈرى تەشكىلاتى بىلەن تۈرك دۇنياسى بەلەدىيەلەر بىرلىكى تەشكىلاتى قوللاپ دەستەكلىدى.

ئىستىقلال مارشى ۋە مىللىي مارش ئوقۇش بىلەن باشلانغان پائالىيەتتە تۈرك دۇنياسىنىڭ بايراقلىرى لەپىلدىدى. قاتاردىن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقمۇ ئورۇن ئالغان بولۇپ، بايراقلار مەيدان ئەتراپىدا ۋە مىللىي مارش ئوقۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ئالدىدا لەپىلدەپ كۆزگە چېلىقىپ تۇردى.

پائالىيەتتە ئىستانبۇل مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مۇدىرى پروفېسسور ئەخمەت ئەمرە ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئەخمەت ئەمرە ئەپەندى، يېڭى بىر كۈننىڭ باشلىنىشى مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن جەم بولغانلىقىنى، نورۇز بايرىمىنىڭ نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتلىك بىر بىباھا قىممەتلىك بىر بايرام دەپ قارىلىپ تەبرىكلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ بايرامنىڭ كەڭ بىر جۇغراپىيىلىك رايونلاردا ئوخشاش ۋاقىتتا تەبرىكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەخمەت ئەمرە ئەپەندى مۇنداق دېدى: نورۇزنىڭ چىقىش نۇقتىسى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەدەنىيىتى بولغان قىممەت قاراشلىرىدۇر. نورۇزنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ نۇرغۇن مەنىسى باردۇر. ئالدى بىلەن نورۇز تۇغۇلۇشتۇر، باشلىنىشتۇر، يېڭى بىر كۈننىڭ باشلىنىشى، قىش پەسلىنىڭ ئاخىرلىشىپ باھارنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى، تەبىئەتنىڭ بىخ سۈرگەن بەرىكەت ۋە باياشاتلىق كۈندۇر. ئوخشاش ۋاقىتتا كېچە ۋە كۈندۈز تەڭ بولغان، دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقنىڭ رىشتىسى باغلانغان كۈندۈر. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نورۇز، قىسمەت، تىلەك-ئارزۇ ئىزدەش كۈنىدۇر.

بۇ پائالىيەتكە ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن، ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى قادىر توپباش، گېنېرال شېنول ئالقىش، زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇرات ئايدىن قاتارلىق رەھبەرلەر يىغىن زالىنىڭ ئالدىدا ئېچىلغان مىللىي مەدەنىيەت كۆرگەزمىنى ئايلىنىپ چىقتى. ئۇ يەردە بازغان بىلەن تۆمۈر سوقتى، تۇخۇم چېكىشتۇردى. مىللىي يېمەكلىكلەرنىڭ تەمىنى تېتىدى.

پائالىيەتتە يەرلىك خەلق سەنئەتچىلىرى ئويۇن كۆرسەتتى. كاۋكازىيە چېركەس جەمئىيىتى خەلق سەنئەتچىلىرى ئويۇن كۆرسەتتى. قازاق سەنئەتچى بەشىر ئەخمەت، سەدات چولاقئوغلى قاتارلىقلار سەنئەت نومۇرلىرىنى تەقدىم قىلدى. پائالىيەتتە يەنە ئۇيغۇر سەنئەتچى مەلىكە نورۇز ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى ئورۇندىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە تۈرك، قازاق ۋە قىرغىز سەنئەتچىلەرمۇ بىردىن ئۆز سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى.

پائالىيەت ئاخىرىدا مۇخبىرلارنىڭ نورۇز توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەن ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن نورۇز بايرىمىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: پۈتۈن تۈرك دۇنياسىدا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىزغىنلىق بىلەن تەبرىكلەۋاتقان نورۇز بايرىمىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا ۋە مىللەتلىرىگە ھۇزۇر، تىنچلىق، خۇشاللىق ئېلىپ كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

نورۇز بايرىمىدا يەنە ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى قادىرتوپپاش سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: يېڭى بىر ئويغىنىش ۋە تىرىلىش، ئۈمىدلەر يېڭىلانغان، گۈزەللىكلەر جىلۋە قىلغان، ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا باشقىچە بىر ھاياجان بىلەن يۈرگەن بىر زاماننىڭ باشلىنىشى نورۇزدۇر. تۈرك دۇنياسىنىڭ ۋە خەلقىمىزنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن. بۇ بايرام پۈتۈن ئىنسانىيەتكە گۈزەللىك، خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەي.

يېڭى يىلىمىزنىڭ تىنچلىق ۋە ئامان-ئىسەنلىك ئىچىدە ئۆتۈشىنى تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز

نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلغان زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇرات ئايدىن مۇنداق دېدى: نورۇز بايرىمىڭلار قۇتلۇق بولسۇن، زەيتىنبۇرنۇ تۈرك دۇنياسى يىغىنچاقلانغان بىر يەردۇر. شەرقىي تۈركىستاندىن، ئافغانىستانغىچە، يەنى پۈتۈن تۈرك جۇغراپىيىسىدىن، تۈركىستاندىن پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرنى بىرلەشتۈرگەن بىر يەر زەيتىنبۇرنۇدۇر. بىز بۇ يەردە، قازاقلار بىلەن قىرغىزلار بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۆزبېكلەر بىلەن باشقا تۈرك خەلقلەر بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىن كەلگەن تۈرك خەلقلەر بىلەن كاۋكازىيەدىن كەلگەنلەر بىلەن ھەممىمىز بىرلىكتە ياشايمىز. زەيتىنبۇرنۇدا مەن 4 قېتىم شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلاندىم. 17-قېتىم بىز بۇ يەردە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەۋاتىمىز.

يېڭى يىلنى يېڭى كۈننى تەبرىكلەۋاتىمىز. يېڭى يىلىمىزنىڭ تىنچلىق ۋە ئامان-ئىسەنلىك ئىچىدە ئۆتۈشىنى ئارزۇ قىلىمىز. قەلب كۆڭۈللىرىمىزنى بىر بىرىمىزگە ئاچايلى، بۇ كۆڭۈل رىشتىمىز بىلەن تىنچلىق ۋە ھۇزۇرنىڭ ۋەتىنىمىزگە ۋە دۇنياغا ھاكىم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز.

تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن پروگرامما تارقىتىدىغان ت ر ت ئاۋازى تېلېۋىزىيە قانىلى نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس پروگرامما تارقاتقان بولۇپ، بۇ پروگراممىلاردا ئۇيغۇر پەرزەنتى مۇجاھىد قەشقەرلى، چاناققەلئە شېئىرىنى جاراڭلىق دېكلاماتسىيە قىلىپ ھەر زاماندىكىگە ئوخشاش قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۈرك سەنئەتچى بۇنيامىن ئاقسۈنگەر ئەپەندى، ئۇيغۇر خەلق ناخشىسى «گۈل ئاچىل» دېگەن ناخشىنى ئوقۇدى. بۇ پروگراممىلار ت ر ت ئاۋازى تېلېۋىزىيەسىدىن سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق بىۋاسىتە تارقىتىلدى.