نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار نورۇز پائالىيىتىنى مول مەزمۇنلۇق ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئايگۈل يۈسۈپ
2015-03-23
Share
noruz-norwegiye-zal.jpg ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 22-مارت، نورۋېگىيە.
RFA/Aygul Yusup

22-مارت كۈنى پايتەخت ئوسلودا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مول-مەزمۇنلۇق نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۇ يىلمۇ ئالدىنقى يىللاردىكىگە ئوخشاش بىر ئارىغا جەم بولۇپ بۇ قۇتلۇق كۈننى تەبرىكلىدى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى نىغمەت ھاجىم زال ئىچىگە جەم بولغان مېھمانلارغا باشلىنىش نۇتقى سۆزلىگەندىن كېيىن، سىراجىدىن پەتقۇللا ئەپەندى تەكلىپ بىلەن نورۇزلۇق يۈرەك سۆزىنى بايان قىلدى.

نورۇز پائالىيىتىدە يەنە ئۆمەرجان ئاكا، مەمتىمىن ھاجىم قاتارلىق جامائەت ۋەكىللىرىمۇ سۆز قىلىپ ۋەتىنى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئوتلۇق سالاملىرىنى يوللاش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى ئىناق ۋە ئىتتىپاقلىققا چاقىردى.

بۇ قېتىمقى نورۇز پائالىيىتىنىڭ ئالاھىدە بولغان يېرى شۇكى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا شىۋېتسىيە پۇتبول كوماندىسى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، نورۋېگىيە پۇتبول كوماندىسى بىلەن شىۋېتسىيە پۇتبول كوماندىسى نورۇز پائالىيىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى ئېلىپ باردى. ئۇتۇشنى ئەمەس، دوستلۇق ۋە ئىناقلىقنى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان بۇ مۇسابىقە ئىككىدە ئىككى نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسىنىڭ يېتەكچىسى بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسىنىڭ باشلىقى مۇتەللىپ ئەپەندى تەكلىپ بىلەن سۆزگە چىقىپ، بۇنىڭدىن كېيىن پۇتبول كوماندىلىرىنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدىكى پىكىر ‏- تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى نورۇز پائالىيىتىدە نورۇز ئېشىنى ۋە داستىخىنىنى تەييارلاش ئۈچۈن ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي كېلىپ خالىسانە خىزمەت قىلغان ئابلەت ھاجىم، ئېلى ئەپەندى ۋە باشقا يىگىتلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىپ ئۆتۈلگەندىن باشقا، شىۋېتسىيەلىك مېھمانلارنىڭ ياتاق ۋە تاماق مەسىلىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ جاپا چەككەن ھەبىبۇل ئەپەندى ۋە خانىمى رەنا خانىمنىڭ ئەجرىگە جامائەت نامىدىن كۆپ رەھمەتلەر ئېيتىلدى.

نورۇز پائالىيىتى داۋامىدا جامائەت سائەت سەككىزگىچە شېئىر ئوقۇپ، ناخشا، مۇزىكا ئورۇنلاپ ۋە ئۇسۇل ئويناپ، دوستانە ۋە قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە كۆڭۈل ئاچتى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت