كۆپ قىسىملىق «بۆرىلەر ۋادىسى» فىلىمىنىڭ باش رولىنى ئويناۋاتقان نەجاتى شاشماز رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلارغا سالام يوللىدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلغا يولى چۈشكەندە كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان سەنئەتچىلەردىن بىرى نەجاتى شاشماز، يەنى فىلىمدىكى ئىسمى بىلەن پولات ئالەمدار. ئۇ 27-ئىيۇل كۈنى كەچ ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ئابلىكىم ئىدرىس، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باش كاتىپى جېلىل تۇران ۋە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتى. ئىستانبۇلنىڭ نىشانتېشى مەھەللىسىدىكى پانا فىلىم شىركىتىنىڭ ئىشخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر سائەتلىك ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى بىزگە تېلېفون قىلىپ، نەجاتى شاشماز ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يوللايدىغان سالىمىنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئارقىلىق يەتكۈزۈشىمىزنى تەلەپ قىلدى. بىز نەجاتى شاشماز ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ئۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارغا سالام يوللىغاندىن كېيىن دۇنيادا زۇلۇم تۈگىگىچە «بۆرىلەر ۋادىسى» فىلىمىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
مەن نەجاتى شاشماز، ئىستانبۇلدىن شەرقىي تۈركىستانغا چىڭ كۆڭلۈمدىن سالام يوللايمەن. رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىق سىلەر بىلەن ئۇچراشتىم. ئۆيلىرىڭلاردا تور ئارقىلىق «بۆرىلەر ۋادىسى» فىلىمىنى كۆرۈۋاتىسىلەر، ئاللا رازى بولسۇن. «بۆرىلەر ۋادىسى» فىلىمىنى كۆرۈشكە داۋام قىلىڭلار. خۇدايىم بۇيرۇسا «بۆرىلەر ۋادىسى» فىلىمى داۋاملىشىدۇ. دۇنيادا زۇلۇم ۋە بېسىم تۈگىگىچە «بۆرىلەر ۋادىسى» فىلىمىمۇ تۈگىمەيدۇ. بىز ھەر دائىم زۇلۇمغا قارشى تۇرىمىز. ئىنسانلارنىڭ زۇلۇمغا بېسىمغا قارشى چىقىشى كېرەك.
ئۇ رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ رامزان ئېيىنى مۇبارەكلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن قېرىنداشلىرىمغا، دوستلىرىمغا، چوڭلىرىمغا، كىچىكلىرىمگە ھۆرمىتىمنى ۋە سالىمىمنى يوللايمەن. رامىزان ئېيىڭلار مۇبارەك بولسۇن. خۇدا سىلەرگە يار يۆلەك بولسۇن!.
بىز بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ پولات ئالەمدارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەلۇماتى بارلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى بەك قىزىقىدىغانلىقىنى دېدى.