ئاتاقلىق يازغۇچى رەھىمجان روزىيېف ھايات بولغان بولسا 80-باھارىنى قارشى ئالاتتى

0:00 / 0:00

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا سالماقلىق تۆھپە قوشقان ئەدىبلەرنىڭ بىرى رەھىمجان روزىيېف ھايات بولغان بولسا، بۇ يىلى ئۆزىنىڭ 80-باھارىنى قارشى ئالاتتى. يېقىندا ئالماتادىكى يازغۇچىلار ئۆيىدە مەرھۇمنىڭ تەۋەللۇدىغا بېغىشلانغان خاتىرە كېچىسى ئۆتتى. ئۇنىڭغا ئۇيغۇر ۋە قازاق يازغۇچىلىرى، زىيالىيلار، ئوقۇغۇچىلار، كۆپ ساندا جامائەتچىلىك قاتناشقان بولۇپ، سۆزگە چىققانلار شائىرنىڭ ئىجادىيىتىنى يۇقىرى باھالىدى.

«ھەسرىتى» تەخەللۇسى بىلەن كەڭ تونۇلغان رەھىمجان 1935-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئۈچئون يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، توققۇزتارا ناھىيىسىدە چوڭ بولغان ئىدى. ئۇ ئۈرۈمچىدىكى ئىنستىتۇتنىڭ رەسساملىق فاكۇلتېتىنى تاماملاپ، خەلق نەشرىياتىدا رەسسام، تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. ر. روزىيېف باشقىمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قاتارىدا خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن تەقىبكە ئۇچرىغان ئىدى. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف مۇنداق دەپ ئەسلىدى: «1958-يىلى شىنجاڭنى قاپلىغان رەزىل ‹ئىستىل تۈزىتىش› ھەرىكىتىنىڭ تەتۈر قۇيۇنى تەسىرىدىن رەھىمجان ‹مىللەتچى› سۈپىتىدە ئەيىبلىنىپ، تۇرپاننىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ. لاگېردىكى كەمسىتىش، خورلاش ئاز بولغاندەك، كۈن چىققاندىن تاكى كۈن پاتقىچە دەم ئالغۇزماي ئوما ئورغۇزۇش، بىر بۇردا نانغا زار قىلىش جېنىدىن جاق تويدۇرىدۇ. ئەل ياتقۇدا زەي گەمىدە سامان ئۈستىدە سوزۇلۇپ، كۆز يۇمۇلغىچە بولىدىغان قىسقا، مەزمۇنلۇق پاراڭلار، شائىر تېيىپجان ئېلىيېف بىلەن ئابدۇكېرىم خوجايېفنىڭ چاقچاق ئارىلاش مۇشائىرىلىرى، بولۇپمۇ مەشھۇر تارىخچى، شائىر تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئاستا غىڭشىپ ئېيتىدىغان «ھۇن ئاتامدىن قورققانلار، سەددىچىننى سوققانلار» دېگەن خەلق قوشىقى ياش شائىر رەھىمجاننىڭ دۇنياغا كۆزىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ شېئىرىيەتكە بولغان ئىشقىنى ئۇلغايتاتتى. شۇ بىر كۈنلەرنى ئەسلىگەندە، ئۇ: «مەن ھايات ئۇنىۋېرسىتېتىنى شۇ چاغلاردىلا تاماملىغان ئىدىم» دەپ قوياتتى. ئۆز مىللىتىنى جاندىن ئەزىز كۆرۈپ سۆيگەنلىكى گۇنا بولۇپ، قارىلىنىپ، ئۆز ئېلىدا ئۆگەيلىنىپ قالغان رەھىمجان 1961-يىلى ھىجرەت قىلىپ، يان قوشنا قازاق ئېلىغا كۆچۈپ چىقىدۇ. بۇ دىياردا ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ئەركىنلىككە ئېرىشكەن شائىر ئىجادىيەت قاينىمىغا دادىل قەدەم باسىدۇ. رەھىمجان «دۇنيادا ھەممىدىن شائىر بولۇش تەس، ھەق گەپنى ئېيتمىغان ئۇ شائىر ئەمەس!» دېگەن پرىنسىپقا قەتئىي ئەمەل قىلىپ ياشىدى.

ر. روزىيېف 60-يىللارنىڭ بېشىدا قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن، ئالماتادا ئۇزۇن ۋاقىت رادىئو-تېلېۋىزىيە كومىتېتىدا ئىشلەپ، 1997-يىلى دەم ئېلىشقا چىقتى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىنىپ تۇردى، توپلاملىرى، شۇنداقلا «ئۆزىدىن كېچىش»، «كىشەنلەنگەن يۈرەكلەر» ناملىق رومانلىرى ئارقا-ئارقىدىن يورۇق كۆردى. ئەدىبنىڭ ئىجادىيىتىدە شۇنداقلا داستان ژانىرى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن ئىدى. بۇ ھەقتە ئا. قۇتلۇقوف مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ گۈلتاجى بولغان داستانچىلىق ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا قەلەمداشلار ئۈچۈن چوڭ سىناق بولغان ئىدى. رەھىمجان ئۆزىنىڭ چوڭقۇر بىلىمى، تۇرمۇش تەجرىبىسى، سالماقلىق پىكرى، ئېغىر-بېسىقلىقى، ئۇزۇنغا يۈگرەيدىغان ‹تۇلپارلىقى› بىلەن بۇ ئۇلۇق-ئىزگۈ سەپەردە بىر توپ قەلەمكەشلەر ئارىسىدا كارۋان بېشى ئىدى. بىز قەدىمىمىزنى ئۇنىڭغا قاراپ رۇسلاتتۇق. ئۇنىڭ ئۆتكۈر قەلىمىگە مەنسۈپ بولغان ‹تۇمار›، ‹سىرلىق دولقۇنلار›، ‹ئۆچمەس داغ›، ‹ئۆمەر›، ‹روھلاردىن مەدەت›، بولۇپمۇ ‹مىڭ ئۆي› داستانلىرى بىز ئۈچۈن ئۈلگە-ئەندىز بولغان ئىدى. تۆت مىڭ مىسرالىق ‹مىڭ ئۆي› داستانى ھەجىمىنىڭ چوڭلۇقى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى مۇئەللىپ تەپەككۈرىنىڭ كەڭ دائىرىلىكلىكى، داستاندا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ۋاقىئەنىڭ مۇھىملىقى، تولىمۇ مۇرەككەپلىكى بىلەن ھەممىمىزنى قايىل قىلغان ئىدى. مەشھۇر ئەدىپ ھېزمەت ئابدۇللىن شاگىرتى رەھىمجاننىڭ ‹مىڭ ئۆي› داستانىنى كلاسسىك شائىرىمىز بىلال نازىمىنىڭ ‹غازات دەر مۈلكى چىن› غا تەڭلەشتۈرۈپ باھالاپ، مۇئەللىپكە چوڭ مەدەت بەرگەنلىكى ھېلىمۇ يادىمدا. بىلال نازىم داستانىدا ئۆزى شاھىت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ چىن ھاكىمىيىتىگە قارشى كۆتىرىلگەن مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنى ئەينەن ئېپىكىلىق پىلاندا كەڭ تەسۋىرلىگەن بولسا، ر. روزىيېف ئىككى مىڭ يىل مۇقەددەم ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ۋاقىئە-ھادىسىلەرنى، ‹مىڭ ئۆيدەك› ئالپ قۇرۇلۇشنى-مۇشەققەتلىك ئەمگەك ۋە پەم-پاراسەت يادىكارلىقىنى لىرىك-ئېپىكىلىق شەكىلدە ھەر خىل بەدىئىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق راۋان تىل بىلەن ئىپادىلەپ، قەلەمداشلىرىنى قايىل، كىتاپخانلارنى رازى قىلالىدى. ھەقىقەتەنمۇ، نادىر تارىخىي يادىكارلىق سۈپىتىدە يۇنېسكو تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ‹مىڭ ئۆي› دەك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كاتتا بايلىقى ھەققىدە ئۇزۇن تۈنلەردە تاتلىق ئۇيقىدىن كېچىپ، سۆز ئۈنچىلىرىدىن 4000 مىسرالىق گۈلدەستە تىزىپ چىقىشنىڭ ئۆزىلا بىر باتۇرلۇق، چوڭ جاسارەت ئەمەسمۇ؟.. مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى مۇرات ھەمرايېفمۇ ئۆز ۋاقتىدا: «رەھىمجاننىڭ ‹مىڭ ئۆي› داستانى مەيلى بەدىئىيلىكى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى سيۇژېت قۇرۇلۇشى جەھەتتىن بولسۇن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا زىيا سەمەدىنىڭ ‹يىللار سىرى›، تولستوينىڭ ‹ئۇرۇش ۋە تىنچلىق› ئەسەرلىرى ئوخشاش مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، دەپ باھالىغان.»

ھەقىقەتەنمۇ، ئا. قۇتلۇقوف ئېيتقاندەك، ر. روزىيېفنىڭ ئەسەرلىرى، شۇ جۈملىدىن تارىخىي داستانلىرى ئۆز ۋاقتىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى. مەسىلەن، قازاق خەلقىنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى ئولجاس سۈلېيمېنوف بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن ئىكەن: «قەدىرلىك رەھىمجان! سىزنىڭ شېئىر، باللادىلىرىڭىز ۋە تارىخىي پوئىمىلىرىڭىز-بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېنىق ۋە چوڭقۇر تەسۋىرلەنگەن ئوبرازىدۇر. بۇ ئوبراز قەدىمىي دەۋىردىلا ‹ئويغۇرلار›-‹ئويلايدىغان دانىشمەن خەلق› دېگەن ئۇلۇق نامغا ئېرىشكەن. ‹مىڭ ئۆي›-بۇ مېمارلارنىڭ، رەسساملارنىڭ، قۇرۇلۇشچىلارنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىجادىيىتىگە سىڭگەن مىڭ تۈرلۈك ئوي ۋە ئىشلىرىدۇر. ‹مىڭ ئۆي›-بۇ شۇنداقلا تالانتلىق يېزىلغان تارىخىي پوئىما. پوئىمىدا سىزنىڭ يارقىن ئىجادىيىتىڭىز ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوبرازى يارقىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ…»

ر. روزىيېف ئىجادىيىتىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىك شۇكى، ئۇ باشقىمۇ قەلەمداشلىرى ئوخشاش ۋەتەن ماۋزۇسىنى دايىم بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن. بۇنى ئا. قۇتلۇقوف مۇنداق دەپ تەرىپلىدى: «ئۇلۇق قۇرئانى كەرىمدە ‹ھۇببۇل ۋەتەن-مىنەل ئىمان› دېگەن بىر ئايەت بار. ئۇنىڭ مەنىسى ‹ۋەتەننى سۆيۈش ئىمان جۈملىسىدىندۇر› دېگەنلىك بولىدۇ. پاك دىيانەتلىك ئائىلىدە چوڭ بولغان رەھىمجاننىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى ۋەتەنگە بولغان ئىشق ئوتىدا كېچە-كۈندۈز ئۆرتىنىپ، ۋەتەن ئىشقىدا لاۋۇلداپ كۆيۈپ تۇرۇپ يازغان شېئىر، باللادا، پوئىمىلىرى ئىجادىنىڭ تەڭدىن تولا قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇ ياقا يۇرتلاردا ياشىسىمۇ، ئەس-يادى كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا ۋەتەن-ئۇيغۇر ئېلىدا بولىدۇ. ۋەتەندىن ئىلاجىسىز ئايرىلىش دەردى ئۇنى قىينىغاندا، ئانا ۋەتەنگە بولغان سېغىنىش، ئىزتىراپلىرىنى چىن يۈرەك سۆزى ئارقىلىق شېئىر قىلىپ پۈتىدۇ. ۋەتەننى چىن يۈرەكتىن سۆيۈش، ئۇنىڭ ئىشقىدا پەرۋانىدەك كۆيۈش ئۇنى شائىر قىلدى دېسە، مەن ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن. ۋەتەننى سۆيۈشنى پەرزەندلىك بۇرچى دەپ ھېسابلىغان ۋەتەنپەرۋەر شائىر ئۇنىڭغا كۆيۈنۈشنى، كېرەك بولسا، ئۇنىڭ يولىدا جېنىنى پىدا قىلىشنى ئىزگۈ ئارمان، بەخىت دەپ بىلىدۇ.»