0:00 / 0:00
تاتار ئالىمى، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى مۇنىر يېرزىن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 30-ۋە 40-يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدە بارلىققا كەلگەن تارىخىي ۋەقەلەر شۇنىڭدەك بۇ رايوندا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ تەقدىرى توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، بۇ ۋەقەلەرنىڭ پەقەت ئۇيغۇر مىللىي تارىخىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي مەركىزىي ئاسىيا تارىخىدىمۇ چوڭقۇر ئىز قالدۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ سۆھبەت جەريانىدا، خەلقنىڭ ئادالەتسىزلىككە قارشى كۈرەشلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىدىكى ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ، مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.