قەلەمدارلىقتىن ئەلەمدارلىققىچە-شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ سەرگۈزەشتلىرى
2017.01.06
تونۇلغان تالانتلىق شائىر ئەخمەتجان ئوسمان ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھايات كەچمىشلىرى ھەمدە شىئېرىيەت ئىجادىيىتى ھەققىدە توختالغان ئىدى. ئۇ بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە، سىياسىي ھاياتقا بۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئىزدىنىشلىرى، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىگە قوشۇلۇشى ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شائىر ئەخمەتجان ئوسمان سۆھبەت داۋامىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى ھەل قىلىدىغان پەرقلىق پىكىردىكى تەشكىلاتلار توغرىلىق ئىزدەنگەنلىكى ھەققىدە سۆزلەپ كېلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق دەۋالىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان نۇرغۇن تەشكىلاتلار بار تۇرۇپ، قانداق قىلىپ شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنى تاللاپ قالغانلىقى ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى بايان قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىينىڭ شائىر ئەخمەتجان ئوسمان بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.