27-نويابىر كۈنى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە تونۇلغان ئۇيغۇر شائىرەلىرىدىن بىرى، ژۇرنالىست خەيرىنىسا تۇردى قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە 72 يېشىدا ۋاپات بولۇپ، قايغۇلۇق مۇراسىم بىلەن دەپنە قىلىنغان.
مەرھۇمنىڭ نامىزى ئۇ ھايات ۋاقتىدا قۇرۇلۇشىغا ياردەم قىلغان بىشكەكتىكى ئاقمەسچىتتە چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، جىنازا نامىزىغا بىشكەكتىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقلەر ۋەكىللىرىدىن 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجى ۋە باشقا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى جىنازا مۇراسىمىدا مەرھۇم خەيرىنسا تۇردىنىڭ قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئاياللىرى خىزمەتلىرىگە ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى ھەم ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ئۆز تەزىيەلىرىنى بىلدۈردى.
خەيرىنىسا تۇردى 1944-يىلى 15-ئاۋغۇست كۈنى چۆچەك شەھىرىدە، ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنىياغا كەلگەن. ئاتىسى ئىسمائىل دامۇللام ئۇيغۇر ۋە ئەرەب تىللىرىنى ياخشى بىلگەنلىكى سەۋەبلىك، بۈيۈك مۇتەپەككۇر ماھمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىنى 1946-يىلى ئەرەبچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئىدى.
خەيرىنىسا تۇردى ئۈرۈمچىدە ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى دارىل مۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرىپ، ئۇنى 1961-يىلى تۈگىتىپ، مەكتەپتە مۇئەللىم بولۇپ ئىشلىگەن.
خەيرىنىسا تۇردىنىڭ ئائىلىسى 1962-يىلى ماي ئېيىدا سابىق سوۋېت دۆلىتىگە كۆچۈپ چىقىپ، دەسلەپ قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر رايونىغا، كېيىنرەك قىرغىزىستاننىڭ فرۇنزې، ھازىرقى بىشكەك شەھىرىگە كېلىپ ئورۇنلىشىدۇ . ئۇ, زىيالىي ئوسمان تۇردى بىلەن ئائىلە قۇرىدۇ.
خەيرىنىسا تۇردى، 1993-يىلدىن 2010-يىللىرىغىچە قىرغىزىستان دۆلەت رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدە ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان. «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىئېف خەيرىنىسا تۇردى توغرىسىدا مۇنداق دېدى؛ «خەيرىنىسا تۇردى قىرغىزىستان دۆلەت رادىئو-تېلېۋىزىيە شىركىتىدە 17 يىلدىن ئوشۇق ئىشلەش جەريانىدا ئۆزىنىڭ تالانتلىق مۇخبىر ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى. ئۇ "تەڭرىتاغ ساداسى" ئاڭلىتىشىداخەلقىمىزنىڭ تارىخى، ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئاداتلىرى ھەققىدە، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ھاياتىدىن يېڭىلىقلار، "ئىتتىپاق" جەمىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە باشقا تېمىلاردا داۋاملىق خەۋەرلەرنى بېرىپ كەلگەن».
خەيرىنىسا تۇردىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1970-يىللىرىدىن باشلانغان بولۇپ، «شاپتۇل چېچىكى» ناملىق تۇنجى شېئىرى 1971-يىلى «يېڭى ھايات» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭدىن بېرى ئۇنىڭ شېئىرلىرى «ئۇيغۇر ئاۋازى»، «يېڭى ھايات»، «ئىتتىپاق»، «ۋىجدان ئاۋازى»، «ئارزۇ»، «پەرۋاز» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان.
كېيىنكى يىللاردا خەيرىنسا تۇردىنىڭ شېئىرلىرى قىرغىزستاندىكى گېزىت-ژۇرناللار ئارقىلىق قىرغىز ئوقۇرمەنلىرى تەرىپىدىنمۇ ئوقۇپ بىلىشكە مۇيەسسەر بولدى. 1994-يىلى قىرغىز تىلىدا چىققان «ئۈمىدىم مېنىڭ ئاتا يۇرت» ناملىق توپلامدا خەيرىنسا ھەدەنىڭ بىر تۈركۈم شېئىرلىرى بېرىلگەن. 1997-يىلى قىرغىز شائىرى مارخاباي ئائاماتوفنىڭ تەر بىلەن «جان سىرىم» ناملىق شېئىرلار توپلىمى قىرغىز تىلىدا نەشردىن چىققان.
2001-يىلى خەيرىنىسى تۇردىنىڭ «ئانىنىڭ قەلبىدە ئالەمچە سۆيگۈ» ناملىق توپلىمى ئۇيغۇر تىلىدا يورۇق كۆردى. بۇ توپلامدا شائىرەنىڭ شېئىر، ھېكايە ۋە ئەسلىمىلىرى بېرىلگەن.
1980-يىلى بىشكەكتە قۇرۇلغان «سادا» ئۇيغۇر مەدەنىيىتى گۇرۇپپىسىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئاياللار بۆلۈمىنى باشقۇرغان. 1990-يىلى ئۆكتەبىر رايونلۇق كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولغان.
بۇ جەرياندا خەيرىنىسا ھەدە تۆكۈلداش مەھەللىسىنىڭ ئارمېيسكىي ۋە لىتوۋسكىي كوچىلىرىنى ئاسفالت قىلدۇرغان. تۆكۈلداش ئاق مەسچىتىنىڭ قۇرۇلۇشى، مەھەللىدە سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن رۇخسەت ئېلىشىغا ياردەم قىلغان. ئۇ 1995-يىلى قىرغىزىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، قىرغىزىستان ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى، قىرغىزىستان ئاياللار ئىجادىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغان.
«ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھېررىرى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف خەيرىنىسا تۇردىغا «تالانتلىق شائىرە ۋە يازغۇچى، ۋەتەنپەرۋەر» دەپ باھا بەردى.
ئۇ، 2004-2008 يىللىرى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولغان. خەيرىنىسا تۇردىنىڭ تىنىمسىز ئەمگىكى، تىرىشچانلىقى بىلەن خىزمىتىدە كۆرسەتكەن پائالىيەتلىرى يۇقىرى باھالانغان. قىرغىزىستان دۆلەت رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ئۇنى بىر نەچچە قېتىم ھۆرمەت تەقتىرنامىلىرى ۋە بىر نەچچە مېداللار بىلەن تەقدىرلىگەن.
ئۇ، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىشى نەتىجىسىدە «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ تەقدىرنامىلىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئالىي مۇكاپاتى بولغان «ئېھسان» مېدالى بىلەن مۇكاپاتلانغان شۇنداقلا قىرغىزىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسىنىڭ ھۆرمەت پەخرىي يارلىقىغا ساھىب بولغان.
«ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف جامائەت نامىدىن مەرھۇمەنىڭ ئائىلىسىگە، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى.
توقماق شەھىرى ئاياللىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنئاي ئابىتوۋا ۋە «بالاجان» بالىلار باغچىسىنىڭ مۇدىرى زۇلپىيە ئوبۇلقاسىممۇ خەيرىنسا تۇردىغا يۇقىرى باھا بەردى.