قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى خەتمە-قۇران ئوقۇپ، ساخاۋەتچىلەرگە تەشەككۈرنامىلەر تەقدىم قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فىرۇزە
2017.09.12
ehsan-medali-rejep-atesh گېرمانىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى» نىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل قاراقاشقا بېرىلگەن «ئېھسان» مېدالىنى 3 يىلدىن بۇيان قىرغىزىستانغا كېلىپ ساخاۋەتلىك ئىشلارنى ئېلىپ بارغان رەجەپ ئاتەش ئەپەندى(سولدا) ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ ئالدى. 2017-يىلى سېنتەبىر، بىشكەك.
RFA/Firuze

زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئالدىدا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئۇلۇغ قۇربان ھېيت بايرىمىغا ئاتاپ بىر قاتار ساخاۋەتلىك ئىشلارنى پىلانلىغان ئىدى.

قىرغىزىستان بويىچە چۇ ۋىلايىتى ۋە جەنۇبىي ۋىلايەتلەردىكى ئوش، جالالئاباد، ئۆزگەن شەھەرلىرىدە، قەشقەر-قىشلاق يېزىسى ۋە ئىسسىق كۆل ۋىلايىتىنىڭ قارا-كۆل شەھىرىدىكى جەمئىي ئۈچ مىڭ ئۇيغۇر ئائىلىسىگە قۇربانلىق تارقىتىلدى.

«ئىتتىپاق» جەمئىيىتىدىكى مىللەتپەرۋەر ئەر-ئاياللار ئۆز مەھەللىلىرىدىكى موھتاج ئائىلىلەرگە قۇربانلىقلارنى يەتكۈزۈپ بەردى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 7-سېنتەبىر كۈنى بىشكەك شەھىرىدىكى «ئاۋات» كافېخانىسىدا گېرمانىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى» نىڭ خادىمى رەجەپ ئاتەشنىڭ تەشەببۇسكارلىقىدا خەتمە-قۇران ئوقۇلدى. رەجەپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈنكى ئوقۇلۇۋاتقان خەتمە-قۇراننىڭ سەۋەبى - گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندى باشچىلىقىدىكى تۈرك جامائەتنىڭ قىرغىزىستاندىكى يېتىم-مىسكىن ئائىلىلەرگە قۇربانلىقلارنى ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىگە شۇنداقلا «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىگە خىزمەت كۆرسەتكەن ئەر-ئاياللارغا تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن ئىكەن.

بۈگۈنكى يىغىلىشتا 3 يىلدىن بۇيان قىرغىزىستانغا كېلىپ ساخاۋەتلىك ئىشلارنى ئېلىپ بارغان رەجەپ ئاتەش، ئەرجۈمەنت ئەلچى ۋە مۇرات ئادەم ئەپەندىلەرگە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى نامىدىن تەشەككۈرنامىلەر بېرىلدى.

گېرمانىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى» نىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل قاراقاشقا «ئېھسان» مېدالى تەقدىم قىلىنىپ، ئۇنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە قىلىۋاتقان ياردەملىرىگە تەشەككۈر ئېيتىلدى.

«ئېھسان» مېدالى قىرغىزىستاندىكى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى تەرىپىدىن 2015-يىلى تەسىس قىلىنغان مېدال بولۇپ، ئۇنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىلى، ئەدەبىيات-سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان شەخسلەرگە تەقدىم قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئالدىنقى يىللاردا «ئېھسان» مېدالى رابىيە قادىر خانىم، مەرھۇم ئاكادېمىك ئەزىس نارىنبايېف، پەلسەپە پەنلەرنىڭ نامزاتى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف ۋە باشقا ئاتاقلىق شەخسلەرگە بېرىلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.