بىشكەكتە قىرغىزىستان ئۇيغۇر مەشرىپى ئۆتكۈزۈلدى
2016.02.24

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 21-فېۋرال كۈنى بىشكەكتىكى «ئاۋات» رېستورانىدا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ چوڭ مەشرەپ پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ دۇردانىسى بولغان مەشرەپ پائالىيىتى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش، ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلەر ۋە ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ئارقىلىق ياشلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رول ئويناپ كېلىۋاتىدۇ.
نۆۋەتتە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا 150 دىن كۆپرەك مەھەللىۋىي مەشرەپلەر شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ مەشرەپلەر ياشانغانلار مەشرىپى، ئوتتۇرا ياشلىقلار مەشرىپى، ياشلار مەشرىپى،ئاياللار مەشرىپى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنگەن. ئادەتتە ھەر قېتىملىق قىرغىزىستان چوڭ مەشرىپى مەلۇم مەھەللىۋىي مەشرەپنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قېتىملىق چوڭ مەشرەپكە بىشكەك شەھىرىنىڭ شەرقى جەنۇبىغا جايلاشقان «ئالاتاۋ» يېزىسىدىكى ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى ساھىبخانىلىق قىلدى.
مەشرەپتە ئالدى بىلەن سۆز قىلغان قىرغىزىستان چوڭ مەشرىپىنىڭ مەشرەپ بېگى مىرزاكىم ھاجىم مەشرەپنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئوينايدىغان رولى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەشرەپ ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن ئويناپ كېلىۋاتقان، خەلقنى ئەدەپ ئەخلاققا چاقىرىدىغان ئىجتىمائىي ئويۇنلارنىڭ بىرى. خەلقىمىزدە ‹بالاڭنى مەكتەپكە بەر، ئاندىن مەشرەپكە بەر› دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار. ئۇيغۇر مەشرىپى بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن كېلىۋاتقان، بىزنى ئەدەپ-ئەخلاققا، ئىمان-ئېتىقادقا ئۆگىتىدىغان ئىجتىمائىي ئويۇن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»
«ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىم مەشرەپ ئەھلىنى قىرغىزىستاننىڭ 23-فېۋرال كۈنى خاتىرىلىنىدىغان «ۋەتەن قەھرىمانلىرى بايرىمى» بىلەن تەبرىكلىگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ياشلىرىنى قىرغىزىستان چوڭ مەشرىپىگە كۆپلەپ جەلپ قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەن ئالدى بىلەن بۈگۈنكى مەشرەپ سورۇنىدىكى بارلىقىڭلارنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن. بۈگۈنكى مەشرەپ سورۇنىمىزغا ‹ئىتتىپاق› ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى باشچىلىقىدىكى ياشلارمۇ قاتنىشىۋاتىدۇ. بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن بىزگە مىراس بولۇپ قالغان مەشرەپ پائالىيەتلىرىمىزگە تېخىمۇ كۆپلىگەن ياشلىرىمىزنى قاتناشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم. چۈنكى بىزدىن كېيىن قالسا، ئەجدادلىرىمىز بىزگە مىراس قالدۇرغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى ياشلار داۋاملاشتۇرىدۇ دەپ قارايمەن.»
«ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ھاجىم ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە تۆۋەندىكىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: «مەشرەپ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر سورۇن. ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، تارىختىن بۇيان بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز مەشرەپ ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. ئۇيغۇر تارىخىنى، ئۆرپ-ئادەتلەرنى، ئەدەپ-ئەخلاقنى ۋە ئىززەت-ھۆرمەتنى بىزگە دەل مۇشۇ مەشرەپ ئۆگىتىدۇ. بىز مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ئارقىلىق ياشلارغا مىراس قىلىپ قالدۇرۇشىمىز لازىم.»
بۇ قېتىمقى مەشرەپكە بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىن بولۇپ 200 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. بەش سائەتتىن كۆپرەك داۋام قىلغان مەشرەپ داۋامىدا خەلق سەنئەتكارلىرى مەشرەپ ئەھلىگە نادىر سەنئەت نومۇرلىرىنى تەقدىم قىلدى.