قىرغىزىستاندا پېشقەدەم رەسسام سابىتجان باباجانوفنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
2017.03.03

2017-يىلنىڭ 2-مارت كۈنى قىرغىزىستان پايىتەختى بىشكەكتە خەلقئارا ئاياللار بايرىمىغا بېغىشلانغان، سابىتجان باباجانوفنىڭ «ئاكۋارېل » دەپ ئاتالغان شەخسىي كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. كۆرگەزمە ئولگا مانۇئىلوۋا نامىدىكى مۇزېيدا ئۇيۇشتۇرۇلغان.
رەسسام سابىتجان : «ماي بوياقلار بىلەن يېزىلغان رەسىملەر ماتادا تارتىلىدۇ، ئاكۋارېل بولسا سۇ بوياق بىلەن قەغەزگە تارتىلغان رەسىملەر، ئاكۋارېل تېخنىكىسى ناھايىتى قىيىن، شۇنىڭ ئۈچۈن رەسىملەر بەك نازۇك بولىدۇ» دەپ چۈشەنچە بەردى.
مەزكۇر كۆرگەزمىگە 30 دىن ئوشۇق سۈرەتلەر قويۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە «دىلبار زۇبارشائېۋا»، «ئۇرۇق-تۇغقانلار»، «خىۋە كوچىسى» ۋە باشقا رەسىملەر مۇزېي دۇۋارلىرىنى زىننەتلەپ تۇرىدۇ. ماھىرنىڭ ئىجادىيىتىدە تەبىئەت ۋە ۋەتەن تېمىلىرى مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئىجادىيەت پائالىيىتىگە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىئېف، قىرغىزىستان سۈرەتچىلەر ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئۇسۇبالىئېۋ تائالايبېك، قىرغىزىستان مۇزېي تارماقلىرىنىڭ رەئىسى موموخانوۋا ئارمان ۋە جەمئىيەت ئەزالىرى قاتناشتى. سۈرەتچىلەر ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى سابىتجان باباجانوفنىڭ ئىجادىيىتى توغدىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «سابىتجان ئاكا قىرغىز رېسپۇبلىكىسىنىڭ ئەڭ مېھنەتكەچ تالانتلىق سۈرەتچىسى. ھەر يىلى رەسسام ئۆزىنىڭ شەخسىي كۆرگەزمىلىرى بىلەن بىزنى ۋە جامائەت ئەھلىنى سۈيۈندۈرۈپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ «ئاكۋارېل» تېخنىكىسىدا تارتىلغان سۈرەتلەر ناھايىتى نازۇك، لېكىن سۇ بوياق ناھايىتى قىيىن بولىدۇ. مۇنداق رەسىملەرنى جانكۈيەر، مېھنەتكەچ، ماھىر سۈرەتچىلەر تارتىدۇ» دېدى.
نازۈك سۈرەتلەردىن ئىبارەت كۆرگەزمىدە ماھىرنىڭ «ئاكۋارېل» رەسىم كىتابچىسىمۇ ئالاھىدە كۆزگە چىلىقىدۇ.، بۇ كىتابنى سابىتجان ئاكا ئۆزىنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى تۇنجى مۇئەللىمى زەينىدىن يۈسۈپوفقا بېغىشلىدى.
سابىتجان باباجانوف 1941-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. بوۋىسى سالىجانباي باباجانوف مىللىي ئىنقلابقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، يەر،سۇ ئىدارىسىنىڭ باشچىسى سۈپىتىدە خىزمەت كۆرسەتكەن. تىلەككە قارشى، ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىقىشتىن باشقا يول يوق بولۇپ، ئۇ، 1955-يىلى ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن قىرغىزىستان تالاس ئوبلاستىغا چىقىپ كىروۋ رايونىغا ئورۇنلاشقان.
سابىتجان كامال ئوغلى باباجانوف قىرغىز رېسپۇبلىكىسىنىڭ مەدەنىيىتىگە زور ھەسسە قوشقان شەخس، 1993-يىلى قىرغىز رېسپۇبلىكىسىدا «ئەمگەك سىڭىرگەن رەسسام» دەپ تەقدىرلەنگەن. ئۇ ھازىر قىرغىزىستان سۈرەتچىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك رەسساملىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيىف ئۆز سۆزىدە مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز ئۈچۈن چوڭ بايرام، بىزنىڭ ئاتاقلىق رەسسامىمىزنىڭ چوڭ كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. سابىتجان باباجانوفنىڭ رەسىملىرى پەقەت قىرغىزىستاندىلا ئەمەس، ياۋروپا، ئامېرىكىلاردا تونۇلغان. بىز قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى سابىتجان ئاكىمىز بىلەن پەخىرلىنىمىز.»
كۆرگەزمە 2-ئاپرېل كۈنىگىچە ئېچىلىدىغان بولۇپ، زىيارەتچىلەر، سەنئەتسۈيەرلەر بىر ئاي ئىچىدە كېلىپ كۆرۈپ ۋە سۈرەتلەرنى سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ. رەسسامنىڭ دەسلەپكى سۈرەتلىرى ئالبوم كىتابچىلىرىدە نەشر قىلىنغان. «ئاكۋارېل» ئالبومىدا بولسا، مەزكۇر كۆرگەزمىسىدىكى رەسىملەر، چىنگىز ئايتماتوفنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدىكى سۈرەتلەر ۋە «ئۆتمۈش بىلەن كېلەچەك ئوتتۇرىسىدىكى يەتتە كۆۋرۈك»، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق شەخسلىرى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئە.قاسىمى، ل. مۇتەللىپ، م.قەشقەرى ۋە باشقىلارنىڭ رەسىملىرى ۋە ۋەتەن تەبىئەت مەنزىرىلىرى يەر ئالغان.