قىرغىزىستاندا مىللىي ئارمىيە كۈنى ۋە بارىن ۋەقەسى خاتىرىلەندى
2018.04.10
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدا ئاپرېل ئېيىدا يۈز بەرگەن مۇھىم ۋەقەلەرنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىككى كۈن داۋامىدا خاتىرىلەشتى.
1945-يىلى قۇرۇلغان سابىق مىللىي ئارمىيە كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى 8-ئاپرېل كۈنى جالال-ئاباد شەھىرىدە تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىم جالال-ئاباد ۋىلايىتىدىكى «ئىتتىپاق» شۆبىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. مەزكۇر پائالىيەتكە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف ۋە مۇئاۋىن رەئىسى ئىسمائىل تايىروف، جالال-ئاباد ۋىلايىتىنىڭ ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئىمانكۇلۇف، شۇنداقلا جالال-ئاباد ۋىلايىتىدىكى يېزىلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر ئاھالىسى قاتناشتى. مۇراسىمدا جالال-ئاباد شەھىرىدىكى «ئىتتىپاق» شۆبىسىنىڭ رەئىسى روزاخۇن قۇربانوف رىياسەتچىلىك قىلدى، ئىمام-خاتىپ ئەلىشىر ناسىراخۇنوف مىللىي ئارمىيە ھەققىدە تارىخىي دوكلات ئوقۇدى، ئىختىيارىي سۆزلەرگە چىققانلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈمىدلىرى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىزھار قىلىشتى.
شۇنداقلا 9-ئاپرېل كۈنى بىشكەك شەھىرىدە «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن مىللىي ئارمىيە كۈنىنى ۋە بارىن ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا چۇي ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى قاتناشتى، بۇ يىغىنغا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف رىياسەتچىلىك قىلدى. ئالدى بىلەن غازى-قەھرىمانلارغا ئاتاپ خەتمە-قۇرئان قىلىندى، ئاندىن سىياسىي پەنلەرنىڭ ماگىستىرى ئابدۇراخىم ھاپىزى مىللىي ئارمىيە جەڭلىرىنىڭ جاسارىتى، نىزام ۋە مۇكاپاتلىرى ھەققىدە تارىخىي دوكلات ئوقۇپ، مىللىي ئارمىيە كۈنىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن چوڭ بىر بايرام بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر پائالىيەتتە پەلسەپە پەنلىرىنىڭ نامزاتى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف بارىن ۋەقەسى توغرىسىدا دوكلات ئوقۇدى.
مۇراسىمغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى روزىمۇھەممەد ئابدۇلباقىيېف ئۆز نۇتقىدا جامائەتنى ھېچقاچان ئۈمىدسىز بولماسلىققا دەۋەت قىلدى.
روزىمۇھەممەد ئەپەندى يەنە 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بىريۇسسېل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 5 مىڭ كىشىلىك نامايىش توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىپ، ئۆزىنىڭ شۇ نامايىشقا قاتنىشىش نىيىتى بار ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلدى.
بۇ پائالىيەتكە مىللىي ئىنقىلابقا قاتناشقان غازىلاردىن پەقەت ئابلىمىت بەكرى قاتنىشىپ ئۆز ئەسلىمىلىرىدىن بىر پارچىسىنى بايان قىلدى.
مەزكۇر پائالىيەت قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي روھىنى كۆتۈرۈشىدە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.