رەسسام مەرۋايىت ھاپىز: كۆرگەزمىگە قويۇلغان رەسىملىرىم يۇقىرى باھالارغا ئېرىشتى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.05.05
merwayit-hapiz-korgezme-1.jpg رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم ياۋروپا كەسپى ھوقۇقىنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ مەدەنىيەت كۇلۇبى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «ئۆزگىچە دۇنياغا ساياھەت» تېمىسىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسىدە. 2016-يىلى ماي، ميۇنخېن.
RFA/Mihriban

گېرمانىيەدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم، 20 يىللىق رەسىم ئىجادىيىتى جەريانىدا ياۋروپادا تونۇلغان ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخىن شەھىرىدە ياۋروپا كەسپى ھوقۇقىنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ مەدەنىيەت كۇلۇبى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن « ئۆزگىچە دۇنياغا ساياھەت» تېمىسىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسىگە مەرۋايىت خانىمنىڭ 46 پارچە رەسىمى تاللانغان. مەلۇم بولۇشىچە بۇ قېتىمقى رەسىم كۆرگەزمىسى 27-ئاپرېلدىن 17-ئىيۇنغىچە 6 ھەپتە داۋاملىشىدىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەرۋايىت خانىم ئۆزىنىڭ «ۋەتەن» تېمىسىغا بېغىشلانغان رەسىملىرىنىڭ كۆرگەزمىگە قويۇلغان بېلگىيەلىك ئايال رەسسام ئۇتە مىددەل خانىم ۋە باشقا بىرقانچە رەسسامنىڭ رەسىملىرى بىلەن بىرلىكتە زىيارەتچىلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەنلىكىنى ۋە بۇ خىل خەلقئارالىق رەسىم كۆرگەزمىلىرىدىكى قوللاش ۋە باھالارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتىگە زور ئىلھام بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ مەرۋايىت خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت پروگراممىسىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.