ياۋروپادا تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت خانىمنىڭ بۇلتۇر 30 - نويابىر گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە باشلانغان خەلقئارالىق رەسىم كۆرگەزمىسى 27 - يانۋار ئاياغلاشتى. رەسسام مەرۋايىت خانىم رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى، ئۆزىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئىجادىيەت نەتىجىلىرى ۋە بۇندىن كېيىنكى ئىجادىي يۆنۈلۈشى ھەققىدە توختالدى.
گېرمانىيىنىڭ ميۇنخىن شەھىرىدە ئىككى ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشقان رەسىم كۆرگەزمىسىدىن كېيىن، مەرۋايىت خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ۋە كۆرگەزمىدىن كېيىنكى ھاياجانلىق كەيپىياتىنى ئىپادىلىدى.
مەرۋايىت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2014 - يىلى مەرۋايىت خانىم تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە، ئىستانبۇل شەھەرلىرى ۋە گېرمانىيىدە بىرقانچە قېتىم رەسىم كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرغان. مەرۋايىت خانىمنىڭ كۆرگەزمىگە قويۇلغان رەسىملىرى يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە ياۋروپادا تونۇلغان رەسساملارنىڭ تاللانغان رەسىملىرى قاتارىدا ئىستانبۇلدا كۆرگەزمە قىلىنغان.
مەرۋايىت خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى رەسىم كۆرگەزمىسىنى گېرمانىيە دۆلەتلىك پسىخولوگىيە ئاكادېمىيىسى ئۇيۇشتۇرغان. مەرۋايىت خانىم 70 پارچىدىن ئارتۇق رەسىم قويۇلغان كۆرگەزمىسىگە «يىپەك يولىدىكى كارۋان» دەپ نام قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئىجادىيىتى ئاساسلىقى ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بېغىشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەرۋايىت خانىم يەنە، ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت تېمىسىنىڭ يەنىلا «يىپەك يولى» مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ھاياتى ئەكس ئەتكەن تېمىلارغا بېغىشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ جەھەتتە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ياش رەسساملار بىلەن داۋاملىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، رەسىم ھەۋەسكارلىرىنى تەربىيىلەش جەھەتتىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ مەرۋايىت خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
0:00 / 0:00