سەنئەت ئائىلىسىدىكى ئىككى ئەۋلاد سەنئەتكار ئېچىنىشلىق قىسمەتكە يولۇققان
2018.09.04

خىتاي ئىچى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار قوللىنىدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ پېشقەدەم ئارتىسى، يۈسۈپ سالى مۇشۇ ئاينىڭ 28-كۈنى ئۈرۈمچىدە دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي 79 يېشىدا قازا قىلغان.
ئۇ ئۇيغۇر ئوپېرا ئۆمىكى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئۇيغۇر تىياتىر سەنئىتى تارىخىدا سەھنىدە ئەڭ بۇرۇن ئوبراز ياراتقان تۆھپىكارلارنىڭ بىرى ئىدى. مەرھۇم 1940-يىللىرى قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختا بازىرى دېگەن مەھەللىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، بالىلىق دەۋردىن تارتىپ سەنئەت ئىشتىياقى كۈچلۈك بولغاچ 1958-يىلى خىتاينىڭ مەركىزى تىياتىر ئىنستىتۇتىنىڭ ئاكتيورلۇق كەسپىگە تاللانغان. تۇنجى ئەۋلاد كەسپىي تىياتىر ئارتىستلىرى قاتارىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن يۈسۈپ سالىنىڭ كەسپىي ھاياتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوپېرا ئۆمىكىدە ئۆتكەن ئىدى. ئۇ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ نۇرغۇن تېلېۋىزىيە فىلىمى ۋە ئىتوتلاردا رول ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ياراتقان خاسلىققا ئىگە يۇمۇرىستىك ئوبرازى، خاراكتېرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىغا كۈلگە ئاتا قىلىپ ئۆتكەن.
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن 90-يىللارغىچە بولغان ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقى بىر مەھەل گۈللەنگەن پەيتلىرىدە، تىياتىر ئارتىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان يۈسۈپ سالى سەھنىدىكى روشەن خۇسۇسىيەت ۋە ئۆزگىچە خاراكتېرگە ئىگە ئوبرازى بىلەن ئوپېرا ئۆمەك تەييارلاپ خەلققە سۇنغان دراما ئەسەرلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا تېگىشلىك تۆھپە قوشقان سەنئەتكار.
ئۇ ئۆزىگە بېرىلگەن ھەر قانداق رولنى ياخشى، يامان، چوڭ ياكى كىچىك دېمەي ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئويناپ، بولۇپمۇ سەلبىي روللارنىمۇ قايىل بولغۇدەك جانلىق ئوبراز يارىتىپ، خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن، كەسىپكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە كىچىك پېئىللىقى بىلەن ياش ئارتىسلارغا ئۈلگە بولۇپ كەلگەن. ئاساسىي قاتلاملاردا يېزا-قىشلاقلاردا ھەرقانداق جايىنى، ئېتىز-قىرلارنىمۇ سەھنىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال سەنئەت شەكلى ئارقىلىق دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ، ئىلھام بېرىپ ئۆتكەن. يۈسۈپ سالى ئورۇنداشقا ئەپلىك، قۇرۇلمىسى ئىخچام، ۋەقەلىكى قىزىقارلىق، ئامما ياقتۇرىدىغان سەنئەت تۈرى-ئىتوتلاردىمۇ نۇرغۇن رول ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئادەم قارىسىلا كۈلكىسىنى قىستايدىغان يۇمۇرلۇق ئوبرازى بىلەن ئوينىغان ئىتوت-كۈلدۈرگە پلاستىنكىلىرىنى، ياش-قېرى ھەممەيلەن ئىشتىياق ۋە شادلىق ئىلىكىدە كۆرۈپ كەلمەكتە.
ئۇ سەھنە ھاياتىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «غۇنچەم»، «غېرىب-سەنەم»، «پەرھات-شېرىن» قاتارلىق دراما، ئوپېرالاردا، «نەسىردىن ئەپەندى»، «سىرلىق كارۋان>، «يېتىم قىزنىڭ مۇھەببىتى» قاتارلىق كىنولاردا رول ئالغان.
ئەل سۆيگەن بۇ سەنئەتكارنىڭ ئاغرىق سەۋەبلىك دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى ئېيتىلىۋاتقان بولسىمۇ، ۋەھالەنكى ئىنكاسلاردىن ھاياتى بويى سەنئەتكە ئۆزىنى ئۇرۇپ، خەلقنى كۈلدۈرۈپ ئۆتكەن بۇ جاپاكەش سەنئەتكارنىڭ ئىككى پەرزەنتنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىپ ئاخىرقى ئۆمرىنىڭ خاتىرجەمسىزلىك، يالغۇزلۇق ۋە قايغۇ ھەسرەتتە ئۆتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
مەرھۇم يۈسۈپ سالىنىڭ بالىلىق چېغىدىنلا بىللە ئويناپ چوڭ بولغان قەدىناس دوستى، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى «يۈسۈپ سالى ئاجايىپ كەمتەر، كىچىك پېئىل، مېھىرلىك ھەقىقىي ئىنسان ئىدى» دەيدۇ.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، ئەل سۆيگەن كۈلدۈرگە ئارتىسى يۈسۈپ سالىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئۆتكەن، يۈسۈپ سالىنىڭ ئارزۇلۇق قىزى پەرىخە بۇلتۇر 5-ئايدا تۈركىيەدىن ئۈرۈمچىگە قايتقاندا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىپ، سەۋەبسىزلا 5 يىل كېسىلگەن. شۇ ئەنسىزلىكتە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان يۈسۈپ سالى، تەشۋىش ۋە ئېغىر ئازابلار ئىچىدە كۆز يۇمغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمىنىڭ بايان قىلىشىچە ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ رولىنى ھېچنېمە باسالمايدىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كەسپىي ھاياتىدا چوڭقۇر تونۇش يەتكەن يۈسۈپ سالى، كىچىكىدىنلا ناخشا ئېيتىشقا ئىشتىياق باغلىغان ئارزۇلۇق قىزى پەرىخەنىڭ تالانتىنى ۋاقتىدا بايقاپ، پەرىخەنىمۇ سەنئەت ساھەسىدە ياراملىق ئارتىس قىلىپ تەربىيەلەشكە تىرىشقان ۋە يۈسۈپ سالى پەرىخەنىڭمۇ سەنئەت ساھەسىدە ئۆزىنىڭ ئىزىنى بېسىپ ئەينى ۋاقىتتا ناخشا چولپانلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىدىن تولىمۇ پەخىرلەنگەن ئىكەن.
پەرىخە يۈسۈپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ ناخشىچىسى بولۇپ بىر مەزگىل خىزمەت قىلغان. يېقىنقى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىنى تەرتىپكە سېلىش باھانىسىدە ئېلىپ بارغان بىر قاتار بېسىم سىياسەتلىرى سەۋەبلىك پەرىخە كەسپىنى تاشلاپ، يېقىنقى يىللاردا تۈركىيەگە كۆچمەن بولغان ئىكەن. بىز تۈركىيەدە پەرىخەنىڭ ئەھۋالىنى بىلىدىغان كىشىلەردىن تەپسىلىي ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق
ئىلگىرى ئىستانبۇلدىكى زەيتۇنبۇرنۇ رايونىدا ئۇنىڭ بىلەن قوشنا ئولتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر ئۇيغۇر، گەرچە پەرىخەنى يېقىندىن تونۇمىسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ تۈركىيەدە ھىجابلىنىپ، ئىسلامىي يوسۇندا ياشاپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى ۋە ئۇنىڭ 2017-يىلى 5-ئايدا ۋەتىنىگە قايتقاندا خىتاي ساقچىلىرى ئۇنى ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا تۇتۇپ، 5 يىل كېسىپتۇ دېگەندەك خەۋەرلەرنى ئاڭلىغانلىقىنى، ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ شۇندىن بۇيان كەم ئۇچرايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، كىشىلەردىن ئۇنىڭ دائىم ئەنقەرەگە بېرىپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئايالى پەرىخەنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا ئەرز سۇنۇپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۆزىنى پەرىخە يۈسۈپنىڭ بىر تۇغقىنى دەپ تونۇشتۇرغان تۈركىيەدىكى بىرەيلەن كىملىكى ۋە ئاۋازىنى ئاڭلاتماسلىق شەرتى بىلەن ئۇچۇر بېرىپ، ئۆزىنىڭ پەرىخەگە ئۈرۈمچىگە مېڭىش ئالدىدا قايتماسلىقنى نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، پەرىخەنىڭ «باشقا ھېچقانداق سىياسىي پائالىيەتكە قاتناشمىسام ماڭا نېمە گۇناھ ئارتىلاتتى، ئاغرىق ئاتا-ئانامدىن خەۋەر ئېلىش ھەققىم باردۇ، ئۈرۈمچىگە بېرىپلا ئۇچۇر قىلىمەن» دەپ ئىشەنچلىك ھالدا ئۈرۈمچىگە قايتقان پېتى غايىب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
پەرىخە يۈسۈپ ئۈرۈمچىگە قايتقان شۇ مەزگىل يەنى بۇلتۇر 5-ئاي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە، مىسىر، ئەرەبىستان قاتارلىق مۇسۇلمان ئەللەردىن قايتقان ئۇيغۇرلارنى نۇقتىلىق تەقىبگە ئېلىپ، ھېچقانداق گۇناھى بولمىسىمۇ لاگېرلارغا قاماققا سولاۋاتقان بىر جىددىي مەزگىل ئىدى.
پەرىخەنىڭ تۇغقىنىنىڭ رادىئومىزغا ئەۋەتكەن يازما ئۇچۇرىدا دېيىشىچە، بالىلىرىنىڭ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنىشى سەۋەبلىك مەرھۇم يۈسۈپ سالىنىڭ ئاخىرقى ئۆمرى يالغۇزلۇق ۋە خاتىرجەمسىزلىك، غەم قايغۇغا ئۆتكەن. تۈركىيەدە ياشاۋاتقان پەرىخە، 2017-يىلى 5-ئايدا ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن ئۈرۈمچىگە قايتقان بولسىمۇ، ھالبۇكى ئۇ ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىلا دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ دادىسى بىلەنمۇ كۆرۈشتۈرۈلمىگەن ئىكەن.
ئۇيغۇر سەنئەت ساھەسىدىن ئابدۇرېھىم ھېيت، ئابلاجان ئاۋۇت قاتارلىق ئۇيغۇر چولپانلارنىڭ تۇتۇلغانلىقى ئاشكارىلىنىۋاتقان، خەلقئارا جەمئىيەتتە خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز ھالدا لاگېرلارغا ۋە قاماققا ئېلىۋاتقانلىقى كۈچلۈك تەنقىد قىلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئەل سۆيگەن بىر سەنئەتكار يۈسۈپ سالى ئائىلىسىدىكى بۇ ئىككى ئەۋلاد سەنئەتكارنىڭ پاجىئەسى، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى چوڭقۇر ئېچىندۇرغان يەنە بىر قايغۇلۇق خەۋەر بولماقتا.
چەتئەل بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇچۇر ئالقىسى قاتتىق چەكلەنگەن بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇر ئېلىدىن يۈسۈپ سالى ئائىلىسى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىش مۇمكىن بولمىغان بىر شارائىتتا تېخىمۇ سىرلىق يېرى، ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىلىدىغان ھۆكۈمەت ۋە ياكى ئاممىۋى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە، ئۇيغۇر سەنئەت ساھەسىدىكى يۈسۈپ سالى ۋە پەرىخە يۈسۈپ توغرۇلۇق ئىلگىرىكى ئۇچۇرلارنىڭمۇ پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلگەنلىكى مەلۇم.