ئىيوردانىيەلىك ئۇيغۇر سودىگەر سېيىت نادىر ئەپەندى ئۆز ئائىلىسىنىڭ 3 يىللىق تەيۋەن ھاياتى ھەققىدە توختالغىنىدا ئۆزى بىلەن ئىنىسى سېيىت ھەسەننىڭ تەيۋەندە بىر يىل گۆرۈدە تۇتۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇنىڭ دېيىشىچە دادىسى سېيىت ئابدۇللاخان تەيۋەندىن كېتىشتە چىڭ تۇرغاندىن كېيىن ئۇنى تەيۋەنگە ئەكەلگەن گومىنداڭ تەرەپدارلىرى، پۈتۈن ئەكېلىش خىراجىتىنى تۆلەشنى ۋە ياكى ئىككى بالىسىنى تەيۋەندە قالدۇرۇپ كېتىشنى ئېيتقان. ئامالسىز قالغان سېيىت ئابدۇللاخان تەيۋەنگە ئېلىپ كەلگەن 7 بالىسىدىن ئىككىسىنى تەيۋەندە قالدۇرۇپ قالغان بەشىنى ئىئوردانىيەگە ئېلىپ كەتكەن. ئۇ ئىئورداسنىيەگە بارغاندىن كېيىن ئىئوردانىيەدىكى تەيۋەن كونسۇلخانىسى ئالدىدا بىرقانچە ئاي نامايىش ۋە ئەرز قىلىپ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى بالىسىنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە 15 ۋە 17 ياشلىق بۇ ئاكا-ئۇكا بىر يىلدىن كېيىن تەيۋەندىن قويۇپ بېرىلگەن. بۇ ھەقتىكى بۇ پروگراممىزنىڭ داۋامىدا مەزكۇر گۆرۈگە ئېلىنىش ۋەقەسىدە رولى بار دەپ قارالغان مەشھۇر سىياسىي شەخس يولۋاس بەگنىڭ سىياسىي كىملىكى ھەققىدە كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قاراشلىرىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.