جاللات شىڭشىسەي ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىتى

0:00 / 0:00


ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 30 - ۋە 40 - يىللىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشتا ھەم بۇ زېمىندىكى ئۆزىنىڭ باشقىمۇ ئەشەددىي پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا شىڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن پايدىلانغان ئىدى. ستالىن رەھبەرلىكىدىكى كوممۇنىستىك پارتىيە ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋالغان شىڭ شىسەي قىزىل ئارمىيە كۈچلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ما جۇڭيىڭ ئارمىيىسىنى تار - مار قىلىشقا مۇۋاپپەق بولالىدى. ئۇ جاللات، ستالىننىڭ قانلىق سىياسىتىگە ئەگەشكەن ھالدا 30 - يىللارنىڭ ئاخىرىدا پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا ئاممىۋىي تەقىپلەش ھەرىكىتىنى ئەۋج ئالدۇردى.

بۇ ھەقتە، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغاننىڭ قازاقىستاندا تونۇلغان تارىخچى ۋە ژۇرنالىست يادىكار سابىتوف بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلاڭلار.