ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق ۋە ئۇيغۇر چىدىرىنىڭ تۇران قۇرۇلتىيىدىكى ھېكايىسى (2)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.08.17
turan-majar-wengiriye-qurultay-01.jpg

د ئۇ ق ۋەكىللىرى تەكلىپ بىلەن قاتناشقان 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تۇران قۇرۇلتىيىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق. 2016-يىلى 12-ئاۋغۇست، بۇداپېشت ۋېنگىرىيە. RFA/Ekrem

turan-majar-wengiriye-qurultay-02.jpg

6-نۆۋەتلىك دۇنيا تۇران قۇرۇلتىيىدا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان د ئۇ ق ۋەكىللىرى ئۇيغۇر چېدىرى تىكمەكتە. 2016-يىلى 12-ئاۋغۇست، بۇداپېشت ۋېنگىرىيە. RFA/Ekrem

turan-majar-wengiriye-qurultay-03.jpg

6-نۆۋەتلىك دۇنيا تۇران قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر مەستانىسى يانۇش ئەپەندى ئۇيغۇر چېدىرى ياساشقا ياردەملەشمەكتە. 2016-يىلى 12-ئاۋغۇست، بۇداپېشت ۋېنگىرىيە. RFA/Ekrem

turan-majar-wengiriye-qurultay-04.jpg

6-نۆۋەتلىك دۇنيا تۇران قۇرۇلتىيىدا ئاتىللانىڭ سۈرىتى. 2016-يىلى 12-ئاۋغۇست، بۇداپېشت ۋېنگىرىيە. RFA/Ekrem

turan-majar-wengiriye-qurultay-05.jpg

د ئۇ ق ۋەكىللىرى تەكلىپ بىلەن قاتناشقان 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تۇران قۇرۇلتىيىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق. 2016-يىلى 12-ئاۋغۇست، بۇداپېشت ۋېنگىرىيە. RFA/Ekrem

turan-majar-wengiriye-qurultay-06.jpg

6-نۆۋەتلىك دۇنيا تۇران قۇرۇلتىيىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 12-ئاۋغۇست، بۇداپېشت ۋېنگىرىيە. RFA/Ekrem

turan-majar-wengiriye-qurultay-07.jpg

6-نۆۋەتلىك دۇنيا تۇران قۇرۇلتىيىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 12-ئاۋغۇست، بۇداپېشت ۋېنگىرىيە. RFA/Ekrem

turan-majar-wengiriye-qurultay-08.jpg

مەڭگۈتاش. 2016-يىلى 12-ئاۋغۇست، بۇداپېشت ۋېنگىرىيە. RFA/Ekrem

turan-majar-wengiriye-qurultay-09.jpg

ۋېنگىرىيە پارلامېنت بىناسى. 2016-يىلى 12-ئاۋغۇست، بۇداپېشت ۋېنگىرىيە. RFA/Ekrem

turan-majar-wengiriye-qurultay-010.jpg

ئاتىللا مېھمانخانىسىنىڭ رېستورانى. 2016-يىلى 12-ئاۋغۇست، بۇداپېشت ۋېنگىرىيە. RFA/Ekrem

ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق 6-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيىدا تېگىشلىك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ ئالاھىدە ئەزىزلەندى.

بىراق، 2014-يىلى 5-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيى ئېچىلىشتىن 3 ئاي ئىلگىرى ۋېنگىرىيەدە يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىز بىر ۋەقە نەزەرگە ئېلىنغاندا، 2016-يىلى 12-14-ئاۋغۇست كۈنلىرى بۇداپېشىتتا ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە ئىززەتلىنىشىنى ۋە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنىڭ بۇ قەدەر قەدىرلىنىشىنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلغىلى بولمايتتى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھىنىڭ ئېيتىشىچە، 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنلىرى، د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن بۇداپېشىتقا توپلانغان 16 دۆلەتتىن كەلگەن 35 ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى «ئاتىللا مېھمانخانىسى» نىڭ خوجايىنى باردوشى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ. ۋېنگىرىيەدىكى ئۇيغۇر مەستانىلىرىدىن بىرى سانالغان باردوشى بۇ 3 كۈنلۈك يىغىن ئۈچۈن مېھمانخانا ياتاقلىرىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقسىز ئېچىپ بېرىدۇ ۋە 3 كۈنلۈك تاماقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

بۇ قېتىمقى يىغىننى د ئۇ ق غا ۋاكالىتەن مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى قۇرۇلتاي ياشلار كومىتېتى بىلەن بىرگە تەشكىللىگەن، ھونلار قۇرۇلتىيى ساھىپخانلىقنى ئۈستىگە ئالغان ھەمدە يىغىننى ھونلار قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت بىناسىغا ئورۇنلاشتۇرغان. بىرقانچە ئاممىۋى تەشكىلاتمۇ يىغىننى ماددىي، مەنىۋى تەرەپلەردىن قوللىغان.

ئۈمىد ئاگاھىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىن ھەر قايسى ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى مىللىي دەۋانىڭ ياراملىق ۋارىسلىرىغا ئايلاندۇرۇش، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خەلقئارالىق پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇش، د ئۇ ق ئۈچۈن ئىزباسار يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. تېخىمۇ مۇھىم بىر مەقسەت بولسا، ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن ۋېنگىرىيە ياشلىرىنى ھەمدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىن كېلىۋاتقان ھون ياشلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇر-ھون مۇناسىۋەت رىشتىنى باغلاش بولغان.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ يىغىننىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپلىرىدىن بىرى، پايتەخت بۇداپېشىتتىن 50 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر يېزىنىڭ نامىنى «ئۇيغۇر مەھەللىسى» دەپ ئاتاش، بۇ يېزىغا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى تىكلەپ، «ئۇيغۇر مەھەللىسى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش بولغان. مەزكۇر يېزا خەلقى بۇ تۇپراقنى ئۇيغۇرلارغا ھەقسىز ھەدىيە قىلماقچى بولغان.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا يەنە ميۇنخېن شەھىرىدىن خالىسە خانىم يېتەكچىلىكىدىكى سەنئەت ئۆمىكىمۇ بىرگە بارغان. ئامېرىكا، كانادا، رۇمىنىيە قاتارلىق ئەللەردىنمۇ ھون ياشلىرى ۋە سەنئەتكارلار كەلگەن. بۇ قېتىمقى ياشلار يىغىنىنىڭ ھونلار قۇرۇلتىيىنىڭ ھەشەمەتلىك زالىدا دەبدەبىلىك ئۆتكۈزۈلۈش ھازىرلىقى پۈتكەن. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا 500 ئەتراپىدا ماجار سىياسىيونلىرى، تارىخچىلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ھەر ساھە زىيالىيلار تەكلىپ قىلىنغان. يىغىننىڭ 2-كۈنى يەنە ياۋروپاغا مەشھۇر بولغان ھون پارلامېنتى زىيارەت قىلىنىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى كۈتۈۋالماقچى بولغان.

ئەمما، 24-ماي كۈنى سەھەردە، ئۈمىد ئاگاھى ۋېنگىرىيە بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۇيۇقسىز تۇتۇپ كېتىلىدۇ. 16 سائەتكىچە نامەلۇم بىر ئورۇنغا قاماپ قويۇلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇتۇلۇشىدىكى سەۋەبنى سورىغىنىدا دائىرىلەر «تېررور تەھدىتىگە دائىر مەلۇمات ئالدۇق» دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ. ئۈمىد ئاگاھى شۇ يەردە تۇرۇپلا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە گېرمانىيەنىڭ ۋېنگىرىيەدىكى باش ئەلچىخانىسىغا تېلېفون ئۇرۇپ، ۋەقەنى بىلدۈرىدۇ. گېرمانىيە تەرەپ مەسىلىگە جىددىي قاراپ، ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقىلىشىدۇ. ئوتتۇرىدا بولۇپ ئۆتكەن دىئالوگ نامەلۇم.

دەل شۇ كۈنى سەھەردە، ۋېنگىرىيە بىخەتەرلىك كۈچلىرى، قوراللىق ساقچىلار بىلەن بىرگە «ئاتىللا مېھمانخانىسى» غا باستۇرۇپ كىرىدۇ. مېھمانخانىغا ئورۇنلاشقان 35 نەپەر ئۇيغۇر ياشلىرىنى سىرتقا چىقىرىپ نازارەت قورشاۋىغا ئېلىپ، «ئاتىللا مېھمانخانىسى» نى پېچەتلەيدۇ. «ئاتىللا مېھمانخانىسى» نىڭ ئالدىدا نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرى نېمە ۋەقەلەر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي گاڭگىرايدۇ.

ئوخشاش ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يەنە، ياشلار كومىتېتىنىڭ يىغىنى چاقىرىلماقچى بولغان ئورۇن «ھونلار قۇرۇلتىيى»نىڭ خىزمەت بىناسىمۇ پېچەتلىنىدۇ. ساقچىلار بىنا ئەتراپىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، كىرىپ-چىقىشنى چەكلەيدۇ.
ئۈمىد ئاگاھىنىڭ ۋېنگىرىيە بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى، «ئاتىللا مېھمانخانىسى»غا ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ۋە مېھمانخانىنىڭ پېچەتلەنگەنلىكى، ھونلار قۇرۇلتىيى بىناسىنىڭ پېچەتلەنگەنلىكى ھەش-پەش دېگۈچە پۈتۈن بۇداپېشتقا پۇر كېتىدۇ.

ھونلار قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى، ماجار خەلقى، نۇرغۇنلىغان مۇخبىرلار «ئاتىللا مېھمانخانىسى»غا قاراپ ئاقىدۇ. بۇ يەردە قوراللىق قىسىمنىڭ نازارىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا يېمەكلىك، ئۇسسۇلۇق سۇنىدۇ. ۋېنگىرىيە خەلقى ساقچى تەرەپنى قاتتىق سۆكىدۇ. «سىلەر ھون-ماجار خەلقىنى نومۇسقا قويدۇڭلار! ۋېنگىرىيە دۆلىتىنىڭ شەرىپىگە قارا داغ سۈرتتىڭلار، ماجار خەلقى ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنى ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ!...» دەپ ئەيىبلەيدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇلار بۇ ۋەقەنى بىر دەمدىلا پۈتكۈل ۋېنگىرىيەگە يېيىۋېتىدۇ.

سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ۋېنگىرىيەلىك ئەرباب 6-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيىدا بۇ ۋەقە ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئۇيغۇرلارغا قارشى ھەرقانداق سەلبىي مۇئامىلە ماجار خەلقىنىڭ ئىرادىسى بىلەن سىغىشالمايدۇ. بىز ئۆز ھاكىمىيىتىمىزدىن رازى ئەمەس. ۋېنگىرىيە دۆلىتى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ھون نەسىللىك مىللەتلەرنىڭ قېرىنداشلىقىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشتەك نومۇسسىز بىر ۋەقە تارىخىمىزدا بولۇپ ئۆتتى. بۇ بىز ئۈچۈن ھاقارەت. ۋېنگىرىيە خەلقى بۇنى ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ. بىز بىر كۈنلىرى، تارىختا بولۇپ ئۆتكىنىدەك مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتى بىلەن ھونلار دۆلىتىنىڭ باراۋەر ياشايدىغانلىقىغا مۇتلەق ئىشىنىشىمىز لازىم...».

ھونلار قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى، ۋېنگىرىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ۋېنگىرىيە ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جانۇش ئەپەندىلەر پارلامېنت بىناسىغا بېرىپ، ھۆكۈمەتنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ۋە ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ئىشى ھەققىدە قانائەتلەنگۈدەك چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان ھۆكۈمەت خادىملىرى بۇنداق بىر ۋەقەدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ. ھەتتا ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ ۋەقەدىن خەۋەرسىزلىكىنى، بۇنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سۈرۈشتۈرۈپ، چىرايلىق ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئىزدىنىشلەر نەتىجىسىدە، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھىنىڭ «تېررورچى» ئىكەنلىكى، بۇ قېتىمقى يىغىنغا كەلگەن 35 نەپەر ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ «تېررور گۇماندارى» ئىكەنلىكى، مەسىلىنىڭ جىددىي تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى، كېچىككەندە 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرى شۇ سائەتتىن باشلاپ قايناپ كېتىدۇ. «ئۇيغۇرلار ۋېنگىرىيەدە تۇتقۇن قىلىندى»، «ۋېنگىرىيە دۆلىتىنىڭ يۈز قارىسى»، «ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن ئۈمىد ئاگاھى قولغا ئېلىندى» دېگەندەك خەۋەرلەر ھەممە يەرنى قاپلايدۇ. بۇ ۋەقە بولۇپ 3 كۈن ئىچىدە، مەخسۇس مۇشۇ ۋەقەگە ئالاقىدار 900 پارچىدىن ئارتۇق خەۋەر ۋە ماقالە تېلېۋىزورلاردا، مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىدۇ. بىر مەنىدىن، بۇ ۋەقە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋېنگىرىيەدە يەنىمۇ تونۇلۇشىغا غايەت زور تۈرتكە بولىدۇ.

بىراق، 16 سائەتلىك نازارەتتىن كېيىن، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى «دەرھال ۋېنگىرىيەنى تەرك ئېتىش» ھەمدە «بىر يىلغىچە ۋېنگىرىيە تۇپراقلىرىغا دەسسىمەسلىك» شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلىدۇ. نازارەت ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ دەرھال ۋېنگىرىيە چېگراسىدىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇلىدۇ. 35 نەپەر ئۇيغۇر ۋېنگىرىيەنى تەرك ئېتىدۇ. ئۈمىد ئاگاھى ئەينى چاغدا ۋېنگىرىيەنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى توماس ئەپەندىنى ئادۋوكات تۇتۇپ، ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ئالىي سوتقا ئەرز سۇنىدۇ.

ئايرىلىپ مىڭ يىلدىن كېيىن ئەمدىلا ئەسلىگە كەلگەن ھون-ئۇيغۇر مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يۈزىگە ئەنە شۇنداق بىر قارا داغ سۈرتۈلىدۇ. ئۇنداقتا، ۋېنگىرىيە خەلقى تەرىپىدىن شۇ قەدەر سۆيۈلۈۋاتقان ئۇيغۇرلار، قانداق بولۇپ بۇنداق بىر قىسمەتكە يولۇقتى؟

مەزكۇر ۋەقە يۈز بېرىپ بىر قانچە ئايدىن كېيىن، ۋېنگىرىيە پارلامېنتىدىكى بىر مىللەت ۋەكىلى ئىشنىڭ ئارقا يۈزىنى ئاشكارىلايدۇ. (داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.