خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇرلار تونۇتۇلماقتا
2016.03.11

تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان قەيسەرى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 11-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق مەدەنىيىتى، كىيىم-كېچەكلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى تونۇتۇلماقتا.
قەيسەرى ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قادىر خاس مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 11-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق يەرمەنكىگە 14 دۆلەت، ۋە تۈركىيەدىن 490 شىركەت ۋە ئىدارە-جەمئىيەت قاتنىشىپ مەھسۇلاتلىرىنى تونۇتماقتا. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەخسۇس 2 بۆلۈم ئېچىپ، بىرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، يەنە بىرىدە بولسا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەرنى ئېسىپ، ئۈستەللەرنىڭ ئۈستىگە تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا نەشر قىلىنغان كىتاب-ژۇرناللارنى قويۇپ، تاملارغا ھەر خىل لوزۇنكىلارنى ئېسىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى تونۇتماقتا. ئېچىلىش مۇراسىمىغا قەيسەرى ۋالىسى، شەھەر باشلىقى ۋە كۆپ ساندا ئاخبارات خادىملىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئاچقان بۆلمە زىيارەتچىلەرنىڭ قاتتىق دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغان.
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
11-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇر تاماقلىرىنى قىلىپ، تونۇتۇۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن خەيرىگۈل خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۈگۈن يەرمەنكىنىڭ بىرىنچى كۈنى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئۇيغۇر تاماقلىرىنى تونۇتقانلىقىنى بايان قىلدى.
گېرمانىيەدىن كېلىپ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئايال تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ يەرمەنكىدە پەقەتلا ئۇيغۇر تاماقلىرىنىلا ئەمەس، خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمنىمۇ ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
يەرمەنكىدە ئۇيغۇر تاماقلىرىنى قىلىپ تونۇتۇۋاتقان مەريەم خانىم بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ 11 يىلدىن بېرى مەزكۇر يەرمەنكىگە قاتنىشىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتقاندىن سىرت، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
يەرمەنكە ئۈچ كۈن داۋاملاشماقچى.