«تۈركىي تىللار دىۋانى» دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە سۇنۇلماقچى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2014.02.13
turkiy-tillar-divani-305.jpg تۈركىي تىللار دىۋانى
RFA

يېقىندا تۈركىيە ئاخباراتلىرىدا، تۈركىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتى ئىلىم – پەن ۋە مائارىپ تەشكىلاتى چىقىرىدىغان دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتى ئىلىم - پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) نىڭ تۈركىيە مىللىي كومىتېتى رەئىسى ئۆجال ئوغۇز ئەپەندى، ئانادولىيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەدىن بۇ يىل تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتى ئىلىم - پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) تەرىپىدىن دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆجال ئوغۇز ئەپەندى، 1072‏-1074‏- يىللار ئارىسىدا مەخمۇت قەشقىرى تەرىپىدىن يېزىلغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ تىلشۇناسلار ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئەسەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە: «تۈركىي تىللار دىۋانى» دېگەن تەخمىنەن 80 دۆلەت ۋە رايونغا يېقىندىن ئالاقىدار بولغان بىر مەدەنىيەت خەزىنىسى دېمەكتۇر، دېدى.

ئانادولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئۆجال ئوغۇز ئەپەندى، «تۈركىي تىللار دىۋانى» بىلەن قەيسىرى كۈلتەپەدىن قېزىپ چىقىرىلغان ۋە مىخ يېزىقلار بىلەن ئاسۇرجا يېزىقىدا يېزىلغان كۈلتەپە تاختىلىرىنىمۇ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن.

ئۆجال ئوغۇز ئەپەندى مۇنداق دېدى: ئەڭ مۇھىمى بۇلار ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەتلىك يادىكارلىقلىرى ۋە تۈركىيەگە ئائىت مەجمۇئەدۇر، بۇلار ئىنسانىيەت بىلەن قۇلاي ھالدا يۈز كۆرۈشۈشى كېرەك.

ئىگىلىنىشىچە ئۆجال ئوغۇز ئەپەندى، بۇ ھەر ئىككى ئەسەرگە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى يېزىش، تەييارلاش ئىشلىرىنى باشلىغان.

31‏- مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتى ئىلىم - پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) نىڭ مەركىزىگە بېرىپ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە كۈلتەپە تاختىلىرى قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە ئېلىنىشى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.